خىتاي فىلىپپىنگە تەۋە ئىككى مارجان خادا تاشلىرىغا سۈنئىي ئارال ياشاشقا باشلىغان

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


27 - ئىيۇن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى فىلىپپىنگە تەۋە ئىككى مارجان خادا تاشلىرىغا سۈنئىي ئاراللارنى ياشاشقا باشلىغان.

خەۋەردە فىلىپپىن كالايان ئارىلىنىڭ باشلىقى يۇگەنئو بىتونىڭ ئېيتقانلىرىنى نەقىل قىلىشىچە، ئۇ، نۆۋەتتە فىلىپپىن كونتروللۇقىدىكى ئىككى خادا تاشلىققا خىتاينىڭ كران ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئورنىتىپ جىددىي قۇرۇلۇش باشلىغانلىقىنى كۆرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىتونىڭ يېتىشىچە، خىتاي بۇ مارجان ئاراللىرى خاتا تاشلىقلارنى 3 كىلومېتىر دائىرىدە تىندۇرۇپ، قۇرۇلۇش قىلىشقا باشلىغان. بۇ قۇرۇلۇش بەئەينى ئايروپىلان ئۇچۇش يولىغان ئوخشايدىكەن.

خىتاي بۇ قېتىم ياسىغان سۈنئىي ئارال فىلىپپىنغا تەۋە سۇبى مارجان ئاراللىرىغا ياسىلىشقا باشلىغان.

بۇ ئامېرىكا ۋە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان جەنۇبىي دېڭىزدىكى 7 ئارالنىڭ بىرى ئىكەن.

خىتاي ئىلگىرى سپراتېل تاقىم ئاراللىرى تەۋەسىدە 2 مىڭ گېكتارلىق بىر سۈنئىي ئارالنى رەسمىي پۈتتۈرۈپ بولغان.

بۇ ئامېرىكىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت