پېي مىنشىن: «خىتاي ھەقىقەت بىلەن يۈزلەشتى»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشىدا خىتاينىڭ ئاچچىق ھەقىقەت بىلەن يۈزلىشىۋاتقانلىقى مۇلاھىزە قىلىنماقتا. ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى پېي مىنشىن تەرىپىدىن «ئاسىيا مۇلاھىزىلىرى» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان مەزكۇر مۇلاھىزىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكا-خىتاي سودا ئۇرۇشى باشلىنىشتىن ئاۋۋال خىتاي تەرەپ ئۆزلىرىنى ئامېرىكىدىن كۈچلۈك ھېسابلىغان. ئۇلار ئەگەر ئامېرىكا خىتاي بىلەن سودىدا تۇتۇشۇپ قالغان تەقدىردە ئامېرىكا پرېزىدېنتى كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرايدۇ، خەلقنىڭ قوللىشىدىن مەھرۇم قالىدۇ، دەپ چوتنى خاتا سوققان. ئەمما دەل ئەكسىچە ترامپ خىتاي بىلەن سودا ئۇرۇشىنى باشلىغاندىن بۇيان ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمىتىدىكى سىياسەتچىلەر ئاساسەن ئۇنى قوللىغان. خىتاينىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر بىردىنلا ئۇلغايغان.

ئاپتور پېي مىنشىن خىتاينىڭ مانا ئەمدى ھەقىقەت بىلەن يۈزلەشكەنلىكىنى، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ پەرەز قىلغىنىنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىپ، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىگە خەۋپ شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا ئوخشاش ناھايىتى قىممەتكە توختايدىغان ۋە قېيىن قۇرۇلۇشنى باشلاش ئارقىلىق ئۆزىگە ئىش تېرىغان. ئامېرىكا بىلەن تىركىشىش ئارقىلىق دېڭ شىياۋپىڭنىڭ «ئامېرىكا بىلەن ئەپ ئۆتۈش، غەربكە ئالدىراپ كۈچىنى نامايان قىلماسلىق» نەزەرىيىسىگە خىلاپلىق قىلغان. نەتىجىدە، ئۆزىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى» نى كۈتۈۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو چۈشى» سۇغا چىلىشىشقا باشلىغان. 

ئاپتور پېي مىنشىن مۇلاھىزىسىدە شى جىنپىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتىن جىددىيلىشىپ قالغانلىقىنى، ئۇنىڭ يا مۇشۇ سىياسىتىنى توختىماي داۋام قىلىش ياكى ئىلگىرىكىلەرنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلاپ بۇرۇنقىدەك ياۋاش-يۇمشاق سىياسەتكە قايتىشتىن ئىبارەت ئىككى يولنىڭ بىرىنى تاللاشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت