خىتاي بوخەي دېڭىزىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىناق مەيدانىغا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتتى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-12-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ يەرشارى ۋاقتى گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا،22- دېكابىر كۈنى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بەزى ھەربىي بلوگ تورىدا، خىتاينىڭ بوخەي دېڭىزىدىكى رايونىدىن بىر قىتئەلەر ئارا باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى مۇنازىرىلەشكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر خىتاي بۇ قېتىم قويۇپ بەرگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ خىتاينىڭ بوخەي دېڭىزىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 094 نومۇرلۇق يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىدىن قويۇپ بېرىلىپ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مەلۇم بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىش سىناق بازىسىنى نىشان قىلغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خىتاي دائىرىلىرى 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 13-كۈنى شەرق شامىلى ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەرگەندىن بۇيان، قويۇپ بېرىلگەن يەنە بىر قېتىملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت