خىتاي دائىرىلىرى خىتاي ئارمىيىسى ئىچىدىكى تەڭشەشنىڭ ئادەتتىكى ئەھۋاللىقىنى ئىلگىرى سۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-12-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يېقىندا خىتايدىكى تور بەتلەردە خىتايدىكى ھەردەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلاردىن 40 نەچچە نەپىرىنىڭ پارىخورلۇق سەۋەبىدىن ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان. بىراق، بۈگۈن خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرىنىڭ باياناتچىسى ياڭ يۈجۈن مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، بۇ 40 نەچچە نەپەر ھەربىي ئەمەلدارغا ئادەتتىكى مەمۇرىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، ئەھۋالنىڭ توردا دېيىلگەندەك ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، باياناتچى ياڭ يۈجۈن سۆزىدە، ئارمىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمە ۋە تۈزۈملىرىگە ئاساسەن ھەر يىلى بىر قېتىم مۇشۇنداق مەمۇرىي تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ بىر نورمال ئورۇنلاشتۇرۇلۇش. بىز ئارمىيە ئىچىدە ھەرگىز پارىخورلارنى ساقلىمايمىز، ئەگەر شۇنداق بىرى بولغان تەقدىردە، مەيلى ئۇنىڭ كىم بولۇشى ۋە مەرتىۋىسىنىڭ قانچىلىك يۇقىرى بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز ئۇنى قەتئىي بىر تەرەپ قىلىمىز، دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي ئارمىيىسىدىكى 40 تىن ئارتۇق ئەمەلدارنىڭ پارىخورلۇق سەۋەبىدىن بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىغا ئائىت خەۋەرنى ئەڭ دەسلەپ خوڭكوڭدىكى بىر گېزىت ئېلان قىلغان. ئۇلار قولغا چۈشۈرگەن ھۈججەتتە بىر تەرەپ قىلىنغان ئەمەلدارلارنىڭ ئىسملىرىدىن تارتىپ يەر ئالغان ئىكەن. ئەينى چاغدا كۆزەتكۈچىلەر بۇ خەۋەرنىڭ چىنلىق دەرىجىسىنىڭ يۇقىرىلىقىنى قەيت قىلىشقان ئىدى. چۈنكى، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى خىتايدىكى چىرىكلىك ئەڭ ئېغىر ئورۇنلارنىڭ بىرى، دەپ قارىلىپ كەلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت