خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ھىندونېزىيەگە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2016-06-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى يەكشەنبە كۈنى ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدا خىتاي بېلىقچى پاراخوتلىرىغا قارىتا ھۇجۇم قىلىپ پاراكەندىچىلىك قىلىش ۋە ئوق چىقىرىش ۋەقەسى سادىر قىلغانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا 17 - ئىيۇن كۈنى خىتاي بېلىقچى كېمىلىرىنىڭ ھىندونېزىيە دېڭىز ئارمىيىسى پاراخوتلىرىنىڭ ئوق چىقىرىشى ۋە ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچراپ، بىر پاراخوتتىكى بىر ئادەمنىڭ ئوق تېگىپ يارىلانغانلىقى، باشقا بىر بېلىقچى پاراخوت ۋە ئۇنىڭدىكى يەتتە كىشىنىڭ ھىندونېزىيە تەرەپتىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى، ۋەقەدىن كېيىن خىتاي تەرەپنىڭ دەرھال ۋەقە چىققان جايغا پاراخوت ئەۋەتىپ يارىدارنى قۇتۇلدۇرغالىقىنى بىلدۈرگەن،

خۇا چۈنيىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونىنىڭ خىتاي بېلىقچىلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بېلىق تۇتىدىغان جايى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خۇا چۈنيىڭ ھىندونېزىيە ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ خىتاي بېلىقچى پاراخوتىغا پاراكەندىچىلىك ۋە قوراللىق ھۇجۇم قىلغانلىقىنىڭ بىر قاتار خەلقىارا قانۇنلارغا خىلاپ قىلمىش ئىكەنلىكىنى، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتاي تەرەپنىڭ ھىندونېزىيە تەرەپكە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ۋەقە يۈز بەرگەن دېڭىز رايونى خىتاي قۇرۇقلۇقىدىن 1900 كىلومېتىر، ھىندونوزىيەگە تەۋە ئاراللارغا 225 كىلومېتىر بولۇپ، ھىندونېزىيە تەرەپ خىتاي بېلىقچلىرىنىڭ مەزكۇر دېڭىز رايونىدا بېلىق تۇتۇشىغا قارىتا يېقىندىن بۇيان قاتتىق ھەرىكەت قوللىنىشقا باشلىغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت