دائىرىلەر 12-مارت كۈنمىڭدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇمدىكى خىتاي گۇماندارنى نېرۋا كېسىلى بار دەپ ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-03-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 12-مارت كۈنمىڭ ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 3 لەر ئەتراپىدا كۈنمىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر ئادەم ئۆلۈپ، 5 ئادەم يارىلانغان.

كۈنمىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدە بەرگەن مەلۇماتىدا، كۈنمىڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى بىئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ 2013-يىللىق ئوقۇغۇچىسى 20 ياشلىق ۋاڭ فامىلىلىك جىنايەت گۇماندارىنىڭ نېرۋا كېسىلى بارلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 11-مارت كۈنى ئۈرۈمچى تۆمۈريول ئىدارىسى ئەتراپىدىمۇ پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلارنىڭ جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئىككى ئۇيغۇر ياش ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغانلىقى ئېلان قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردا خىتايدا يۈز بەرگەن پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەلىرىگە قارىتا دائىرىلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئۆلچەملەرنى قوللىنىشى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان بولۇپ، بۇلتۇر ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان پىچاقلىق ھۇجۇم قاتارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرى «تېررورلۇق ھەرىكەت» دەپ خاراكتېرلەنگەن، ئەمما خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يەسلى، مەكتەپ، ئاپتوبۇسلاردا ئېلىپ بارغان پىچاقلىق ھۇجۇم، پارتلىتىش ھۇجۇملىرىدىكى خىتاي گۇماندارلىرىنىڭ زور كۆپچىلىكى «نېرۋا كېسىلى بار» ياكى «ساراڭ» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت