خىتاينىڭ دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا قىلغان تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىش ئىئانىسى ئۈچ پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەنلىكى تەنقىدكە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى يېقىندا دۇنياغا زور تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقان كورونا، يەنى تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىش خىزمەتلىرى ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، ھەرىكەتكە بىنائەن ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوخشىمىغان مىقدارلاردا مالىيە ياردىمى قىلغان. ھالبۇكى، ھازىرغىچە 675 مىليون دوللار يىغىلغان بۇ ھەرىكەتتە خىتاينىڭ ئىئانە سوممىسى 3 پىرسەنتكىمۇ يەتمىگەن ئىكەن.

«نيۇ-يورك پوچتىسى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ھال، ئامېرىكادىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار سۆزىدە خىتاينىڭ بۇ دۇنياۋى پالاكەتنىڭ جاۋابكارى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ تاجسىمان ۋىرۇس بىلەن كۈرەش قىلىشقا ھەرقانداق دۆلەتتىنمۇ كۆپ ئىئانە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىملىق ئىئانە ھەرىكىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى ئاران 20 مىليون دوللار ئىئانە قىلغان. ھالبۇكى، ياپونىيە 47 يېرىم مىليون دوللار، كۇۋەيت 40 مىليون دوللار، گېرمانىيە 28 مىليون دوللار ئىئانە قىلغانىكەن. ترامپ ھۆكۈمىتى ئىچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلىمىغان مەلۇم بىر ئەمەلدار «نيۇ-يورك پوچتىسى» گە قىلغان سۆزىدە خىتاينى ئەيىبلەپ «تارقىلىشچان كېسەلنى باشلىغان خىتاي ئاران 20 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى. خىتاينىڭ پىخسىقلىقى ھەيران قالارلىق ۋە نومۇسسىزلىقتۇر. ئۇلار ھېچ بولمىغاندا 675 مىليون دوللارنىڭ كەم دېگەندە يېرىمىنى تۆلىشى كېرەك ئىدى» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسى بىلەن كۈرەش قىلىش ئىئانە ھەرىكىتىگە بۇ نۆۋەت ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 14 مىليون 700 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇ يىل 2-ئايدا ئامېرىكانىڭ خەلقئارالىق تاجسىمان ۋىرۇستىن قۇتقۇزۇش ھەرىكىتىگە 100 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجرىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا ھەر يىلى 58 مىليارد دوللار ئىئانە قىلىدىغان بولۇپ، بۇ رەقەممۇ خىتاي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا يىلدا ئىئانە قىلىدىغان 28 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن بىر ھەسسە كۆپ ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت