خىتاي ئېلان قىلغان «توردىكى 10 بەلگىلىمە» ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش دەپ تەنقىدلەندى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2015-04-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاي دۆلەتلىك تور باشقۇرۇش ئىشخانىسى 28 - ئاپرىل ئېلان قىلغان «ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تەرتىپكە سېلىشتا رىئايە قىلىدىغان 10 بەلگىلىمە» خىتاي ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى قوزغاپ، خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى تەرىپىدىن «بۇ، ئىنتېرنېت كونتروللۇقىنى كۈچەيتىش، پۇقرارلارنىڭ سۆز - پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەش رولىنى ئوينايدۇ» دەپ تەنقىدلەندى.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ «خىتاي ئىنتېرنېت ئىشخانىسى 10 بەلگىلىمىنى يولغا قويۇپ، تور كونتروللۇقىنى كۈچەيتتى» سەرلەۋھەلىك خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاي ۋەزىيىتى ئانالىزچىلىرىدىن بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى چياۋ مۇنىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«توردىكى 10 بەلگىلىمە نامدا ئىنتېرنېت ئالاقىسىنى تەرتىپكە سېلىش دەپ تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ، ئەمما بۇ بەلگىلىمىنى يولغا قويۇشتىكى ئېنىق مەقسەت يەنىلا تور ئىشلەتكۈچىلەر ۋە توردىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش» دىيىلدى.

خەۋەر ئانالىزىدا يەنە، خىتاي ئېلان قىلغان «توردىكى 10 بەلگىلىمە» نىڭ كونكرېت مەزمۇنلىرى تىلغا ئېلىنىپ،«بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا تورغا ئۇچۇر يوللاشتا رىئايە قىلىدىغان تەرتىپلەر ۋە بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ مەزمۇنى بايان قىلىنغان. بەلگىلىمىدە سىياسىي مەزمۇندىكى يوللانمىلار سەزگۈر تېمىلار سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنىپ، نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبىكتى قىلىنىدىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن. پۇقرالار دۆلەت سىياسىتىگە خىلاپ تېمىلارنى يوللىماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇلۇپ، خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت