خىتاي ئىقتىسادىي كېلەر يىلى جىددىي تۆۋەنلەيدىكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2017-12-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى ئۆسۈشنىڭ 2018-يىلى جىددىي تۆۋەنلەيدىغانلىقى تەخمىن قىلىنغان.

س ن ب س تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان خىتاي ئىقتىسادىي ئۆسۈش نىسبىتى ھەققىدىكى مەلۇماتىدا بۇ ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خىتاي ئىقتىسادى 2018-يىلىدا 6.8 پىرسەنت ئەتراپىدا كېڭىيىدۇ، دەپ قارالغان. ئەمما، خەۋەردە ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىدىكى تەتقىقاتچى جوسىف زۋېگلىچنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھەقىقىي ئۆسۈش 6.4 پىرسەنت ئەتراپىدا بولىدىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچىمۇ، دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق پۇل-مۇئامىلە شىركىتى «بلاكروك» مۇ خىتاي ئىقتىسادىدىكى ئۆسۈش نىسبىتىنىڭ 2018-يىلىدا ئاستىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پۇل-مۇئامىلە ساھەسىدىكى خەتەرنى كېمەيتىش ئۈچۈن دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلارنى ئۆز ئىچە ئالغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ قەرزىنى كېسىشكە بەكرەك دىققەت ئاغدۇرۇشقا باشلىغان.

شۇ سەۋەبتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆي-مۈلۈك ۋە ئاساسىي مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا سېلىنىدىغان مەبلەغلەرنى باشقا جايلارغا سالغان.

بۇلارنىڭ ھەممىسى خىتاي ئىقتىسادىي ئىگىلىكىدىكى ئۆسۈش نىسبىتىنى ئاستىلىتىدىغان ئامىللار ئىكەن.

1990-يىللاردىن بۇيان قوش رەقەم بىلەن ئۆسۈپ كېلىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىي ئىلگىكى 2008-يىلىدىكى دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىستىن كېيىن جىددىي دەرىجىدە تۆۋەنلىگەن.

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي 2017-يىلى 6. 8 پىرسەنت ئەتراپىدا ئۆسكەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت