ئىران ماي پاراخوتى خىتاي پاراخوتى بىلەن سوقۇشۇپ كەتتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2018-01-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىراندا ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى داۋاملىشىۋاتقان، خەلقئارا جەمئىيەت بۇ مەسىلىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقاندا 7-يانۋار، يەنى يەكشەنبە كۈنى ئىراننىڭ بىر ماي پاراخوتى بىلەن بىر خىتاي يۈك پاراخوتىنىڭ سوقۇشۇپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلدى.

«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇزۇنلۇقى 274 مېتىر كېلىدىغان پانامادا تىزىملانغان، ئەمما ئىراننىڭ «دۆلەتلىك ماي پاراخوتى شىركىتى» گە مەنسۇپ «سانچى» ناملىق چوڭ ماي پاراخوتى 136 مىڭ توننا نېفىت قاچىلاپ، جەنۇبى كورېيە تەرەپكە قاراپ ماڭغان بولۇپ، خىتاينىڭ چاڭجاڭ دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزىدىن 257 كىلومېتىر نېرىدا خوڭكوڭدا تىزىملانغان «CF CRYSTAL» ناملىق يۈك پاراخوت بىلەن سوقۇشۇپ كېتىپ، ئىران ماي پاراخوتىغا ئوت كەتكەن، ۋەقەدە 30 ئىرانلىق، 2 بېنگاللىق پاراخوت خادىمىنىڭ مەركەز بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن. خىتاي يۈك پاراخوتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 225 مېتىر بولۇپ، ئامېرىكىدىن 64 مىڭ توننا ئاشلىق قاچىلاپ، گۇاڭدۇڭغا قاراپ كېتىپ بارغان ئىكەن. پاراخوتتا 21 خىتاي پۇقراسى بار بولۇپ، ئۇلار خەتەرگە يولۇقمىغان ۋە خىتاي پاراخوتىمۇ قىسمەن بۇزۇلغان. 

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، «سانچى» ناملىق پاراخوت داۋاملىق شىددەتلىك ئوت قالغان ئىچىدە بولۇپ، پاراخوت بىلەن قۇرۇقلۇق ئارىسىدىكى ئالاقە ئۈزۈلگەن، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بارغان، جەنۇبىي كورېيە تەرەپ ئايروپىلان ۋە پاراخوت چىقىرىپ قۇتۇلدۇرۇش ئىشلىرى ئېلىپ بارماقتا. ئىران تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ پاراخوت بىلەن ئالاقىسى بولمايۋاتقانلىقى، ھازىرچە پاراخوتتىكىلەرنىڭ ھەممىسى قازاغا ئۇچرىدى دېيىشكە بالدۇرلۇقىنى بىلدۈرگەن. 

خىتاي تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت