خىتايدا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-05-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


12 - ماي خىتاي ھۆكۈمىتى ئىگىدارچىلىقىدىكى بىر زاۋۇتنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچىسى نامايىش قىلىپ، زاۋۇتنىڭ مىڭلىغان ئىشچىنى ئىشتىن بوشىتىش پىلانىغا قارشىلىق كۆرسەتتى ۋە ئۆزلىرىگە بېرىلگەن مائاشنىڭ ئازلىقىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

نامايىشىنى خىتاينىڭ سىچۈەن ئۆلكىسى دېياڭ شەھىرىگە جايلاشقان خىتاي دۆلەتلىك 2 - ماشىنىسازلىق زاۋۇتى، يەنى جۇڭگو 2 - ئېغىر تىپلىق ماشىنىسازلىق گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىشچىلىرى تەشكىللىگەن.

زاۋۇت دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، زاۋۇت ئۇدا ئۈچ يىل زىيان تارتقاندىن كېيىن، بىر نەچچە مىڭ ئىشچىنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولغان.

شۇنىڭ بىلەن دۈشەنبە كۈندىن باشلاپ زاۋۇتنىڭ ئۈچ نەپەر ئىشچىسى چىرىكلىك ۋە ئىقتىدارسىز زاۋۇت باشلىقلىرى ئەيىبلەنگەن نارازىلىق پلاكاتلىرىنى كۆتۈرۈپ كوچىغا چىققان. ئۇلار زاۋۇت تارتقان زىيانلارغا زاۋۇت رەھبەرلىرى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

نامايىشچىلار سەيشەنبە كۈنىگە كەلگەندە بارا - بارا كۆپىيىپ 10 مىڭدىن ئاشقان.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەرلىك ساقچىلار نامايىش بولغانلىقىنى دەلىللىگەن ۋە بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما تەپسىلاتى ھەققىدە توختالمىغان، زاۋۇت دائىرىلىرى مۇخبىرنىڭ تېلېفونلىرىغا جاۋاب بەرمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە زاۋۇتنىڭ كۆپىنچە ئىشچىلىرى 380 يۈەن ئەتراپىدا مائاش ئالىدىغان بولسىمۇ، زاۋۇت زىيان تارتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ 5 مىڭ ئادەمنى ئىشتىن بوشاتماقچى بولغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت