ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرى خىتاينىڭ جاسۇسلۇق تەھدىتىگە قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئويلاشماقتا

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئوغرىلىقچە تېلېفون ئاڭلاش قاتارلىق جاسۇسلۇق تەھدىتلىرىگە قارشى بەزى تەدبىرلەرنى ئېلىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ تەدبىرلەر سىمسىز تور ئېقىمىنىڭ تېزلىكىنى 5G غا چىقىرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلىپ، بىراق بۇنىڭ نىسبەتەن تۆۋەن دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئارىسىدا مۇزاكىرىگە قويۇلغانلىقى، ئۇنىڭ پرېزىدېنتنىڭ ئويلىشىشىغا سۇنۇلۇشىغا يەنە بىر قانچە ئاي ۋاقىت بارلىقىنى بىلدۈرگەن. رويتېرسنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، تور سۈرئىتىنى 5G غا چىقىرىش پىكرى خىتاينىڭ ئامېرىكا تور بىخەتەرلىكى ۋە ئىقتىسادى بىخەتەرلىكىگە سېلىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ئىكەن. پرېزىدېنت ترامپ تور بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە خىتايغا بىر قەدەر قاتتىق پوزىتسىيە تۇتۇپ كەلدى. يېقىندا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا AT&T شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقارغان «شاۋمى» قول تېلېفونىنى ئامېرىكا بازىرىغا سېلىش پىلانىنى رەت قىلغان. 

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىستىخبارات كومىتېتى خىتاينىڭ خۇاۋېي شىركىتىدىن ئىزچىل گۇمانلىنىپ كەلگەن ئىدى. 

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى رويتېرسنىڭ مۇخبىرىغا «بىز سىزنىڭ تېلېفونىڭىزنى ھېچقاچان خىتاي ئاڭلىيالمايدىغان بىر تور قۇرۇپ چىقىشنى ئىستەيمىز» دېگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ دۈشەنبە كۈنى يۇقىرىقى خەۋەرگە ئىنكاس بىلدۈرۈپ، تور ھۇجۇمىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ تور سۈرئىتىنى 5G غا چىقىرىش پىلانى ھەققىدە توختالمىغان. خۇا چۈنيىڭ، «بىز خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۆز ئارا ھۆرمەت، ئۆز ئارا ئىشەنچ، ئۆز ئارا دىئالوگ ۋە ئۆز ئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تور ھۇجۇمىنىڭ تەھدىتىگە ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، دەپ قارايمىز» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت