شىۋېتسىيەدىكى تىبەت مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىغان بىر جاسۇس قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2017-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سەپو، يەنى شىۋېتسىيە دۆلەت ئىستىقبارات ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شىۋېتسىيەدىكى تىبەت مۇھاجىرلىرىنىڭ ئۇچۇرىنى قانۇنسىز ھالدا توپلىغان بىر جاسۇس گۇماندارى تۆنۈگۈن رەسمىي قولغا ئېلىنغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر جاسۇس گۇماندارى نامى تېخى ئاخباراتقا ئاشكارىلانمىغان بىر دۆلەتنىڭ ئىشپىيونلۇق ئورگانلىرىغا شىۋېتسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى تىبەتلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى يەتكۈزگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، مەزكۇر جاسۇسلۇق گۇماندارىنىڭ شەك-شۈبھىسىزكى، خىتاي ئۈچۈن ئاخبارات توپلايدىغان ئىشپىيون بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەخمىن قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما شىۋېتسىيە تەرەپ جاسۇسلۇق گۇماندارىنىڭ ئىسمى، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە ئۇنىڭ كىم ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى ھازىرچە ئاشكارا قىلمىغان.

سەپونىڭ باياناتچىسى سىمون بۈنېرت مەزكۇر جاسۇس گۇماندارى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئايدىڭلاشقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ كەينىدىكى نامەلۇم دۆلەتنىڭ خىتاي ئىكەنلىكى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشنى رەت قىلغان.

مەلۇمكى، شىۋېتسىيە غەرب ئەللىرى ئىچىدە تۇنجى بولۇپ خىتاي ئۈچۈن ئاخبارات يەتكۈزگەن ئۇيغۇر جاسۇسنى قولغا ئالغان ۋە قاماققا ھۆكۈم قىلغان دۆلەت. شىۋېتسىيە ۋە باشقا ئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى خىتايغا يەتكۈزگەن جاسۇس بابۇر مەخسۇت 2009-يىلى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، شىۋېتسىيە سوتى تەرىپىدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر، شىۋېتسىيە ئىستىقباراتىنىڭ ئارىدىن 8 يىل ئۆتكەن بۈگۈنكى كۈندە تىبەت جامائىتىنىڭ ئۇچۇرىنى توپلىغان يەنە بىر جاسۇس گۇماندارىنى قولغا ئېلىشى، خىتاينىڭ سكاندىناۋىيە ئەللىرىدىكى ئۇيغۇر ۋە تىبەت مۇھاجىرلىرىغا قاراتقان جاسۇسلۇق ھەرىكىتىنى تېخىچە توختاتمىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت