خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارنى جاسۇسلۇققا ئۈندەۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018-09-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا ئىستىخبارات ئەمەلدارلىرى خىتاينىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق ئامېرىكىلىقلارنى جاسۇسلۇققا ئۈندەۋاتقانلىقىدىن ئاگاھلاندۇردى.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەتلىك جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە بىخەتەرلىك مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ۋىللىيام ئېۋانىنا خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇسى - لىنكېدېيندا نۇرغۇن ساختا ھېسابات ئېچىپ، «ئىستىخبارات قىممىتى بار» دەپ قارىغان ئامېرىكىلىقلارنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىۋانىنا رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بايانىدا «لىنكېدېين چەتئەللىك رەقىبلەرنىڭ يالغۇز ۋەزىپىدىكى ياكى سابىق ھۆكۈمەت خادىملىرىنى ۋە مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق ئەزالىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئاكادېمىكلار، تەتقىقاتچىلار، ئىنژېنېرلار ۋە ئۇلار ئېھتىياجلىق دەپ قارىغان ھەرقانداق كىشىنى نىشانغا ئالىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك مۇنبەر بولۇپ قالدى. ئۇ ئۇچۇر توپلاشنىڭ ھالقىلىق قانىلى،» دېگەن.

لىنكېدېين خىتاي ھۆكۈمىتى خىتايدا يول قويغان بىردىن-بىر ئامېرىكا ئىجتىمائىي تاراتقۇسى. شۇڭا بۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە بەزى سەزگۈر سىياسىي تېمىلارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا چەكلىمە قويۇپ كەلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي لىنكېدېين ئارقىلىق يۇقىرى سۈرئەتلىك كومپيۇتېر، يادرو ئېنېرگىيەسى، نانو تېخنولوگىيەسى، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ۋە باشقا ھالقىلىق تېخنىكا ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئۇچۇرىغا ئېرىشمەكتىكەن.

خەۋەردە ئامېرىكا مەركىزى ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ سابىق خادىمى كەيۋىن مالورىينىڭ ۋەقەسى مىسال كەلتۈرۈلۈپ، خىتاي تەرەپنىڭ مالورىينى لىنكىدېين ئارقىلىق قاپقانغا چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. كەيۋىن مالورىي خىتايغا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2017‏-يىلى قولغا ئېلىنغان ئىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، لىنكىدېيننىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى پائۇل روكۋېل خىتاينىڭ جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ھازىرغا قەدەر 40 تەك ساختا ھېسابنى تازىلىغانلىقىنى، لېكىن بۇ ھېسابلارنىڭ خىتاي بىلەن ئالاقىدار ياكى ئەمەسلىكى تېخىچە ئېنىقلانمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت