ئامېرىكا ئارمىيەسىدىكى بىر خىتاي ھەربىي جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنغان

مۇخبىرىمىز سادا
2018-09-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكىدىكى ئاممىۋى رادىيو قاناللىرىدىن بىرى بولغان NPR نىڭ تور بېتىدە بۈگۈن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە توختاملىق ئىنژېنېر بولۇپ ئىشلەۋاتقان بىر نەپەر خىتاي خادىمنىڭ خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىنىپ، قولغا ئېلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە بۇ يىل 27 ياشقا كىرگەن جى چاۋچۈەن ئۈچۈن چىقىرىلغان 17 بەتلىك ئەيىبنامىدە ئۇنىڭ ئامېرىكىدا ھازىرغىچە بايقالغان خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىپ قولغا چۈشكەن خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. ئەيىبنامىدە دېيىلىشىچە، جى چاۋچۈەن ئوقۇغۇچىلىق ۋىزىسى بىلەن 2013-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەن ۋە ئىللىنوئېس تېخنىك ئىنستىتۇتىنىڭ ئېلېكتر قۇرۇلۇش كەسپىگە ئوقۇشقا كىرىپ، 2015-يىلى ماگىستىرلىق ئۇنۋانى ئالغان. ئاندىن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە قاتنىشىپ زاپاس ئەسكەر سالاھىيىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە توختاملىق ئىنژېنېر بولۇپ خىزمەتكە چۈشكەن ئىكەن.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي پۇقراسى بولغان جى چاۋچۈەن ئامېرىكىنىڭ چىكاكو شەھىرىدە تۇرۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ خىتاينىڭ جىياڭسۇ ئۆلكىلىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى نازارىتىدىكى بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستىخبارات ئەمەلدارىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خىتاي تەرەپكە مەخپىي مەلۇماتلارنى يوللاپ بەرگەن. خەۋەردە جى چاۋچۈەننىڭ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ساھەسىدە خىزمەت قىلىدىغان 8 كىشىنىڭ شەخسىي مەلۇماتلىرىنى خىتايغا يوللاپ بېرىپ، خىتاينىڭ كەلگۈسىدىكى جاسۇسلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن ئامېرىكىدا ئادەم كۈچى ھازىرلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

تەپتىشنىڭ ئەيىبنامىسىدە يەنە مۇنۇلار بايان قىلىنغان: «جى چاۋچۈۈن خىتايغا ئۇچۇرىنى ئەۋەتىپ بەرگەن 8 كىشىنىڭ بەزىلىرى خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن، بەزىلىرى تەيۋەندىن ئامېرىكىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقانلار ياكى شۇ ساھەدىن پېنسىيەگە چىققان كىشىلەر ئىكەن. يەنە بەزىلىرى ئامېرىكىنىڭ ئالەم بوشلۇقى ساھەسىدە مەركەزلىك تەربىيەلەنگەن كىشىلەر ئىكەن. بۇ 8 كىشىنىڭ ئىچىدە ھېچ بولمىغاندا 7 كىشى ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى ساھەسىدە ئىشلىگەن ياكى پېنسىيەگە چىققانلار ئىكەن.»

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 8 كىشىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاي ئىستىخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن جاسۇسلۇققا قوبۇل قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت