خىتاي جاسۇسلىرىنىڭ فىنلاندىيەدىمۇ ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكى دىققەت قوزغىغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018-08-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فىنلاندىيەدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان «خېلسىنكى ۋاقتى» گېزىتى 9-ئاۋغۇست كۈنى فىنلاندىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق كۆچمەنلەرگە قارىتىلغان جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىر پارچە زور ھەجىملىك خەۋەر ئېلان قىلغان.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىۋېتسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق خىتايدىن كېلىپ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئارقا-ئارقىدىن ئاشكارىلىنىشى فىنلاندىيە ھۆكۈمىتىنىمۇ خىتاينىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشقا مەجبۇر قىلغان. چۈنكى بۇ يىل 4-ئايدا شىۋېتسىيە دائىرىلىرى تەرىپىدىن خىتاي ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان 49 ياشلىق تىبەتلىك ئەرنىڭ 2013-2015-يىللىرى ئارىسىدا نۇرغۇن قېتىم فىنلاندىيەنى زىيارەت قىلغانلىقى ئاشكارىلانغان. گەرچە سوت دائىرىلىرى ئۇنىڭ فىنلاندىيەدىكى مەزگىلىدە نېمە پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ مەسىلە فىنلاندىيە ئىستىخبارات دائىرىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. 

فىنلاندىيە دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ دىرېكتورى ئانتى پېلتارى فىنلاندىيەدە چىقىدىغان يۇقىرىقى گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىگە ھازىر فىنلاندىيەدىكى مۇساپىرلارغا قارىتىلغان جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە مەلۇماتلار كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسەن بىر تەرەپ قىلىنمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. 

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەب فىنلاندىيە قانۇنلىرىدا مۇساپىرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلىش ھەرىكەتلىرىنى جازالايدىغان بىر ماددا يوق ئىكەن. شۇڭا فىنلاندىيە دۆلەت ئىستىخبارات ئىدارىسى (SUPO) ۋە باشقا بىر قانچە ئىجتىمائىي ئورگانلار ھازىر فىنلاندىيە دائىرىلىرىنى مۇساپىرلار ئۈستىدىن جاسۇسلۇق قىلغانلارنى جازالاشقا دائىر بىر قانۇن ماقۇللاشقا چاقىرماقتىكەن. 

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، يۇقىرىقى گېزىت مۇخبىرلىرى فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قېتىملىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشىدا چىراي-شەكلى خىتايغا ئوخشايدىغان بىرىنىڭ ھەدەپ ئۇيغۇر نامايىشچىلارنى رەسىمگە ئېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋە بېرىپ ئۇنىڭدىن نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سورىغان. ئۇ مۇخبىرلارغا ئۆزىنىڭ «ياپونىيەدىن كەلگەن ساياھەتچى» ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۇنىڭ بىلەن بۇ ئاتالمىش «ساياھەتچى» نامايىش مەيدانىدىكى چوڭ چېركاۋنى رەسىمگە تارتقاندەك كۆرۈنۈش بېرىپ قويۇپ ئاندىن يەنە كامېراسىنى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا توغرىلىغان.

«خېلسىنگىن سانومات» گېزىتىنىڭ مۇخبىرلىرى يەنە فىنلاندىيەدىكى ئۇيغۇرلار ۋە فالۇنگوڭ مۇرىتلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قولىدا ئېنىق ئىسپاتى بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە بەزى گۇمانلىرىنىڭ بارلىقىنى، بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت