خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى» گە ئۆزگەرتكەنلىكىنى جاكارلىدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


يېقىنقى خەۋەرلەردىن خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خىتايدىكى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن ئەسلىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»گە ئۆزگەرتكەنلىكى مەلۇم بولدى. خىتاي دائىرىلىرى دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتىكى بايانىنى رەسمىي جاكارلىدى.

25 - ئاۋغۇست بېيجىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 10 - يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ يىغىندا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گېن خۇيچاڭنىڭ خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنىنى «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسىگە ئۆزگەتىش ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە يەنە، ئۆزگەرتىلگەن قانۇن لايىھەسىدە «دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرىنىڭ جاسۇسلۇققا قارشى خىزمەتتىكى ئاساسلىق ئورگان ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، خىتاينىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، 1993 - يىلى تۈزۈلگەن دۆلەت بىخەتەرلىكى قانۇنى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلگەن «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن لايىھەسى»نىڭ بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خىتاي دۆلەت مەجلىسى يىغىنىنىڭ قارارىدىن ئۆتۈپ بولغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت