خىتايدا بىر كىتاب سودىگىرى 5 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2017-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خىتاينىڭ گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى گۇاڭشى پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىيات گۇرۇھىنىڭ بېيجىڭدىكى شىركىتىنىڭ كىتاب سېتىشقا مەسئۇل تەھرىرى دەي شۆلىن ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا ئامانلىق دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، يېقىندا ئۇنىڭ ئۈستىدىن رەسمىي سوت ھۆكۈمى ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭغا «قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرىنى تارقىتىش» جىنايىتى ئارتىلىپ بەش يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خوڭكوڭدا چىقىدىغان «مىڭپاۋ» گېزىتىدىن نەقىل ئېلىشىچە، دەي شۆلىننىڭ «قىزىل قۇياش قانداق كۆتۈرۈلگەن؟» قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ئەسەرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ تارقىتىش چەكلەنگەن مىڭ پارچىدىن ئارتۇق كىتابنى تارقاتقانلىقى، يەنە كېلىپ مەزكۇر قانۇنسىز ئەسەرلەرنىڭ خوڭكوڭ ۋە تەيۋەندە نەشر قىلىنغانلىقى ئەيىبلەنگەن.

30 ياشلىق دەي شۆلىن ئۆتكەن يىلى 5-ئايدا غايىب بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن 9-ئايدا بېيجىڭدا، ئۇنىڭ بىر شېرىكىنىڭ 7-ئايدا نەنجىڭدە تۇتۇلغانلىقى مەلۇم بولغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئىسكىلاتىدىن 291 پارچە كىتاب تاپقان بولۇپ، بۇ كىتابلارنىڭ 288 پارچىسى قانۇنسىز نەشر بۇيۇملىرى دەپ بېكىتىلگەن ئىكەن.

كىتاب سودىگىرى ۋە تەھرىر دەي شۆلىننىڭ قىسمىتى خوڭكوڭ توڭلوۋەن كىتابخانىسىنىڭ بەش نەپەر خادىمى ئۇچرىغان قىسمەت بىلەن ئوخشاش چوڭ ۋەقە دەپ قارالماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت