ئۇيغۇر رايونىدا پاختا تېرىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئاققۇندىنلا 5 مىليونى بارلىقى ئاشكارىلاندى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-10-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىدىن بەرگەن بىر خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر رايونىدا پاختا تېرىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئاققۇنلاردىنلا 5 مىليونى بارلىقى ئاشكارىلاندى.

«كېۋەزچىلەرنىڭ يۇرتلىرىغا قايتىشىغا 210 پويىز ئاجرىتىلدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا پاختا تېرىش ئۈچۈن كەلگەن خىتاي ئىشلەمچىلەر، مۇشۇ ئاينىڭ 26-كۈنىدىن ئېتىبارەن يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان. ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە پويىز قىستاڭچىلىقى يۈز بېرىپ قېلىشنى تەخمىن قىلغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۆمۈر يول ئىدارىسى بۇ يىل، كېۋەزچى خىتايلار ئۈچۈن مەخسۇس پويىز ئورۇنلاشتۇرغان. ئورۇنلاشتۇرۇلغان پويىزلارنىڭ تۇنجى 26-ئۆكتەبىر كۈنى يولغا چىققان بولۇپ؛ بۇ مۇلازىمەت تاكى 12-ئاينىڭ 20-كۈنىگە قەدەر داۋاملىشىدۇ.

شىنخۇانىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە يەنە بايان قىلىنىشىچە، بۇ 2 ئايغا يېقىن مەزگىل ئىچىدە پويىز جەمئىي 210 قېتىم قاتناپ 5 مىليون خىتاي ئىشچىنى يۇرتلىرىغا ئاپىرىپ قويىدۇ.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر رايوندا كۆپىيىۋاتقان خىتاي كۆچمەن ئېقىنىنىڭ رايون ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلگەن، خىتاي تەرەپ بولسا كۆچمەنلەر سانىنى كۆپ ھاللاردا سىر تۇتۇپ كېلىۋاتقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت