خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىغا 30 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىنىدىكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-08-18
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر رايونىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا، ج خ ساھەسى ۋە مائارىپ تارماقلىرىغا 30 مىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقارغان. خىتاينىڭ «شىنلاڭ تورى» دا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇردا، ئوقۇتقۇچىلىققا قوبۇل قىلىنىدىغانلاردىن ھېچقانداق ئىمتىھانى ئېلىنمايدىغانلىقى، 10 مىڭ سوم ئايلىق مائاش ۋە ئوي بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق «كادىرلار ئىمتىھان ئۇچۇرى تورى» نىڭ خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مائارىپ نازارىتى بۇ يىل خوتەندىكى يەسلى، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە 5408 نەپەر ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى چۈشۈرگەن. ھازىر 1‏-تۈركۈم قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، 2‏-تۈركۈم قوبۇل قىلىش خىزمىتى باشلانغان.

خەۋەردە، ھازىر يەنە 3140 بوش ئورۇن بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى 17‏-ئاۋغۇست رادىئومىزغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئوقۇتقۇچلارنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى دەلىللىدى.

لېكىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى توغرىسىدا يەرلىك دائىرىلەر ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى بەرگەن.

خوتەن ۋىلايەتلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشىنىڭ 20 مىڭ سومغا بارىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق كېرىيە ناھىيىلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشقا بىر خادىمى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئايلىق مائاشى 5865 سوم ئىكەنلىكى، ئەمما ئۆي بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇرلاردا ئىشسىزلىق ئىنتايىن ئېغىر بولسىمۇ، بىراق خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن ئۇيغۇر رايونىغا يۇقىرى مائاش ۋە تۇرمۇش تەمىناتى بىلەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىشى بەزى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا بۇ ئەھۋالغا باھا بېرىپ، ھۆكۈمەتنىڭ ئىچكىرىدىن كۆپلەپ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشتىكى مەقسىتى «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت