خىتاينىڭ يەكەن دەريا سۈيىنى تىزگىنلەيدىغان قۇرۇلۇشقا زور مەبلەغ سېلىشى دىققەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-09-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ شىنخۇا تورى 5-سېنتەبىر كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي بويىچە خەلق ھاياتىغا مۇناسىۋەتلىك زور قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى، يەكەن دەرياسىنىڭ سۈيىنى تىزگىنلەش مەقسەت قىلىنغان ئارىتاش سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ تاماملانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «شىنجاڭدىكى سەنشيا قۇرۇلۇشى» دەپ ئاتىلىۋاتقان بۇ ئارىتاش سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى يەكەن ناھىيەسىنىڭ قوشراپ يېزىسى بىلەن ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كوسراپ يېزىسى پاسىلىغا جايلاشقان بولۇپ، سۇ ئامبىرىنىڭ ئومۇمىي سىغىمى 2 مىليارد 249 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىدىكەن. 

يېقىندىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ سۈيىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەكەن دەرياسى قاتارلىق كۆپ دەريا-ئېقىنلارنى ئېچىشقا ئوخشاش سۇغا مۇناسىۋەتلىك قۇرۇلۇشلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقانلىقى مەلۇم. يۇقىرىدىكى بۇ ئارىتاش سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشىمۇ خىتاي دۆلەت كابىنېتى تەرىپىدىن خىتاي بويىچە 100 چوڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇش قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، جەمئىي 10 مىليارد 986 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغانىكەن. لايىھىدىكى يىللىق توك تارقىتىش مىقدارى 2 مىليارد 239 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىدىكەن. 

خىتاينىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى گەرچە يۇقىرىدىكى بۇ قۇرۇلۇشلارنى «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسى ۋە سۇ ئىنشائاتى جەھەتتە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشتىكى مۇھىم تەدبىر» دەپ كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى تارىم ۋە يەكەن دەريا بويلىرىغا زور كۆلەمدە خىتاي كۆچمەن يۆتكەشنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى، دەپ قارىماقتا. 

چۈنكى قۇرۇلۇش پۈتكەن تەقدىردە، دەريا-ئېقىنى ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈچ ۋىلايەت (ئوبلاست)نىڭ توك كەمچىل بولۇش ئەھۋالىغا خاتىمە بەرگىلى بولىدىكەن. 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى دەريا-ئېقىنلارنى قايتا قۇرۇشى ۋە مۇھىتنى ياخشىلاش ئۈچۈن زور مەبلەغ ئاجرىتىشى ئەمەلىيەتتە بۇ جايغا بارغانچە كۆپ خىتاي ئاھالىسىنى يەرلەشتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان ئەمەس، دەپ ئەسكەرتتى. 

ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 1289 كىلومېتىر بولغان يەكەن دەريا ئېقىنىدا نۆۋەتتە 4 مىليون ئەتراپىدا نوپۇس بار ئىكەن. سۇ قۇرۇلۇشى پۈتكەندىن كېيىن بۇ نوپۇسنىڭ قانچە ھەسسە ئۆرلەيدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. 

ئارىتاش سۇ ئىنشائاتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى 2015-يىلى 11-ئايدا باشلانغان بولۇپ، 2021-يىلى تاماملىنىپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت