خىتاي كونسۇلى رۇسىيەدە كارانتىن قىلىندى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-02-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 12-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيەنىڭ يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇللۇقىغا ئەۋەتكەن سۈي شاۋچۈن ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەندە رۇسىيە تەرەپ ئۇنى ئىككى ھەپتە كونسۇلخانىدىن چىقماي ئۆز-ئۆزىنى كارانتىن قىلىشقا بۇيرۇغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، رۇسىيەدە تاجسىمان ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ئىككى كىشى بولۇپ، يېقىنقى مەزگىلدە خىتايدىن كەلگەن 150 چە رۇس ۋە خىتاي بىردەك سىبىرىيە رايونىدا كارانتىن قىلىنماقتا ئىكەن. يېكاتىرىنبۇرگ شەھىرىنىڭ ئۆزىدىلا 100 دىن ئارتۇق خىتاي كارانتىن باسقۇچىدا تۇرماقتا ئىكەن.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا نۆۋەتتە ۋىرۇستىن قورقۇش خاھىشىنىڭ بىر قىسىم جايلاردا خىتايغا قارشى كەيپىيات پەيدا قىلىۋاتقانلىقى يەر ئالماقتا ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت