ب د ت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراش بىلەن ئەيىبلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-05-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، ئۆكتىچى ئاۋازلارنى جىمىقتۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

23-ماي سەيشەنبە كۈنى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىمۇ تەسىر كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ باياناتىدا، بۇ يىل 26-ئاپرېل كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسانىڭ تەكلىپكە بىنائەن ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش ئورگىنىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەڭگۈلۈك مۇنبىرى» دە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا كەلگەندە، ب د ت بىناسىدىكى بىخەتەرلىك خادىملىرى تەرىپىدىن يىغىن مەيدانىدىن مەجبۇرىي ھالدا چىقىرىۋېتىلىشى، بۇندىن باشقا يەنە، بۇ يىل بىرىنچى ئايدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى بىناسىنى زىيارەت قىلغاندا شۇ يەردىكى ھۆكۈمەتكە قاراشلىق بولمىغان مۇستەقىل ئورگانلارنىڭ بىناغا كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمىغانلىقى ۋە شۇنىڭدەك ب د ت باش كاتىپى ئانتونىيۇ گۇتتېرسنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغانلىقىدەك مىساللارنى تەكىتلىگەن.

ئۇ: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رەھبەرلىرى ئالدى بىلەن كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆز يۇمۇۋالىدىغان بۇنداق ‹ئىللەت› تىن يىراق تۇرۇشى، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تۈۋرۈكلۈك رولىنى قوغدىشى كېرەك» دەپ ئەسكەرتكەن. شۇنداقلا ئۇ يەنە، ب د ت نى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك ھەرىكەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇرۇشقا چاقىرغان.

ب د ت دائىرىلىرى ئەينى چاغدا دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنى يىغىنغا قاتنىشىشتىن چەكلىشى ھەققىدە ئېنىق بىر سەۋەب كۆرسەتمىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت