خىتايدىكى بىر خۇسۇسىي بانكا ئۇيغۇر رايونىغا 50 مىليارد يۈەن مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-12-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتايدىكى بىر خۇسۇسىي بانكا ئۇيغۇر رايونىغا كەلگۈسى بەش يىل ئىچىدە 7، مىليارد 730 مىليون دوللار يەنى 50 مىليارد يۈەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خىتاي ئاخباراتلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، مەبلەغنى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي بانكا ھېسابلىنىدىغان مىنشېڭ بانكا گۇرۇھى تەمىنلەيدىكەن.

بۇ خەۋەر ئەسلى «شىنجاڭ گېزىتى» دە بېرىلگەن. بۇ ھەقتە توختالغان بانكا گۇرۇھىنىڭ پرېزىدېنتى خوڭ چى خىتاينىڭ يېڭى يىپەك يولى قۇرۇلۇشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىنى ئۆزىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك مەبلەغ سېلىش رايونلىرىنىڭ بىرىگە ئايلاندۇرۇشنى پىلان قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە يۇقىرى مەبلەغلەرنىڭ قايسى تۈرلەرگە سېلىنىدىغانلىقىنى شەرھلەنمىگەن.

مىنشېڭ بانكا گۇرۇھىنىڭ يۇقىرىقى پىلانى رايوننىڭ پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىدا كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن پەقەت خىتايلارنىڭلا بەھرى ئېلىۋاتقانلىقى، مىللىي كەمسىتىش قاتارلىقلاردىن شىكايەت قىلىدىكەن.

خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: «شىنجاڭ خىتاينىڭ بارغانچە ئېشىپ بېرىۋاتقان ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ. ئەمما كۆپىنچە چەتئەل مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېنېرگىيە مەھسۇلاتى ۋە ئۇلاردىن كېلىدىغان نەپلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلارغا كېتىدىغانلىقى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نارازىلىقلارنى كۈچەيمەكتە.»

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت