خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە ئەۋەتكەن ماسكىلىرىمۇ ساختا چىققان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-04-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ «ماسكا سەتچىلىكى» داۋام قىلماقتا. بۇ نۆۋەت، خىتاينىڭ ئاۋسترالىيەگە لاياقەتسىز سەھىيە ئەسلىھەلىرى ئەۋەتكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

«سكي نەۋس» تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاۋسترالىيە چېگرا دائىرىلىرى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن 800 مىڭدىن ئوشۇق ساختا ياكى لاياقەتسىز ماسكىنى مۇسادىرە قىلغان. دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن ۋە 1 مىليون 200 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى ماسكىلار ئۆلچەمسىز ئىكەن.

«سكي نەۋس» تېلېۋىزىيىسىنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى پائۇل مۇرراي «تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدىكى بىردىن-بىر مەسئۇل دۆلەت بولغان خىتاي مىليونلىغان دوللار قىممىتىدىكى لاياقەتسىز سەھىيە ئۈسكۈنىلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئەۋەتىپ، ئۆزىنى دۇنياغا›ياردەم قىلغان‹دەك كۆرسەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە «مانا بۇ رەسۋاچىلىقنىڭ نەق ئۆزى» دېيىش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى ئەيىبلىگەن.

يېقىندىن بۇيان خىتايدىن ئىسپانىيە، ئىتالىيە، ياپونىيە، نورۋېگىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتىلگەن سەھىيە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ لاياقەتسىز ئىكەنلىكى ئاشكارىلىنىپ، زور ئىنكاس پەيدا قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت