رىك سكوت: «ئامېرىكالىقلار خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشى لازىم!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكادىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىن بولغان كېڭەش پالاتا ئەزاسى رىك سكوت ئامېرىكالىقلارنى بۇندىن كېيىن خىتاي ماللىرىنى ئالماسلىققا دەۋەت قىلدى. شۇنداقلا ئەڭ چوڭ تور ماگىزىنى بولغان ئامازون شىركىتىنى بۇنىڭغا ياردەم بېرىشكە چاقىردى.

«خەۋەرلەر ھەپتىلىكى» تورىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، رىك سكوت بۇ ھەقتىكى تېلېۋىزىيە سۆھبىتىدە خىتاينىڭ ۋىرۇس تارقالغان دەسلەپكى ۋاقىتلاردا بۇنى دۇنيادىن يوشۇرغانلىقىنى ‍ئەيىبلەپ «خىتاينىڭ يالغانچىلىقى سەۋەبىدىن ھازىر بەك جىق كىشىلەر بىھۇدە ئۆلۈپ كەتتى. شۇنداقلا نۇرغۇن دۆلەتلەر تەييارلىقسىز قالدى» دېدى.

رىك سكوت سۆزىدە ھازىر ئامېرىكالىقلارنىڭ خىتاي ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ مۇشۇ قېتىملىق ۋىرۇستىن كېيىن زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەنلىكىنى سۆزلەپ كېلىپ: «شۇنىڭغا ئىشەنچىم كامىلكى، ھامان بىر كۈنى ئامېرىكالىقلار خىتاي بىلەن سودا قىلمايدىغان بولىدۇ» دېدى. شۇنداقلا مۇشۇنداق بىر دۆلەتتىن ئامېرىكالىقلارنىڭ ھېچنەرسە سېتىۋالماسلىقى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

سكوتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن سودا قىلماسلىقى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئادەتتىكى پۇقرالار ئۈچۈن خىتاي ماللىرىنى تونۇۋېلىشىغا ياردەم بېرىشى بەكمۇ مۇھىم ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ ئامازون شىركىتىنى بۇنىڭغا ئۈلگە بولۇشقا دەۋەت قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت