خوتەندىكى «تەيدا ھەسسىدارلىق شىركىتى» نىڭ مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكادا رەسمىي چەكلەندى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2019-10-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە مەجبۇرىي ئەمگەك نەتىجىسىدە ئىشلەپ چىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكاغا ئىمپورت قىلىنىشىنى توختاتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەيشەنبە كۈنى بۇ قارارنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن تەڭ ئامېرىكانىڭ ھەرقايسى پورت ۋە چېگرا باشقۇرۇش دائىرىلىرى خىتاي، بىرازىلىيە، مالايسىيا ۋە كونگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىرگەن كىيىم-كېچەك، ئالتۇن، بېرىليانت ۋە باشقا ئىمپورت ماللارنى تۇتۇپ قېلىپ، تەكشۈرۈش باشلىغان.

جازا تەدبىرى قويۇلغان شىركەتلەرنىڭ بىرى خوتەندىكى «تەيدا ھەسسىدارلىق چەكلىك شىركىتى» بولۇپ، ئۇنىڭ لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان تۇتقۇنلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش بەدىلىگە قۇرۇلغان شىركەت ئىكەنلىكى بۇ يىلنىڭ بېشىدا «نيۇ-يورك ۋاقتى گېزىتى» قاتارلىق چوڭ گېزىتلەر تەرىپىدىن ئاشكارىلانغان ئىدى. شۇ قېتىملىق ۋەقەدە تەيدا شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئۇنىڭ ماللىرىنى ئامېرىكىغا ئىمپورت قىلغان «باجىر» ناملىق تەنتەربىيە كىيىملىرى شىركىتى كۈچلۈك ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كەلگەن. بۇنىڭ بىلەن شىركەت دەرھال بايانات بېرىپ، خوتەن تەيدا شىركىتى بىلەن ئالاقىسىنى ئۈزگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئامېرىكا چېگرا خەۋپسىزلىكى ۋە مۇداپىئە دائىرىلىرى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يۇقىرىقى جازا تەدبىرلىرى قويۇلغان شېركەتلەر ئەگەر ئامېرىكاغا قايتا مال ئېكىسپورت قىلىمەن دېسە، ئۇ ھالدا مەھسۇلاتلىرىدا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارنى تەمىنلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قارار ئامېرىكا-خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ بىر نەتىجىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىكى مەقسەت خىتايغا مەجبۇرىي ئەمگەكنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە سىگنال بېرىش ئىكەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلاردا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قاتتىق دىققىتىنى قوزغىغان بىر مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت