ئاندېرس كور: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ يادرولۇق پرىنسىپلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتىدۇ!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى دۇنياغا بارغانسېرى ئاشكارا بولۇۋاتقان يەنە بىر يۈزى ئۇنىڭ ئىنسان ھەقلىرى ساھەسىدىكى دەپسەندىچىلىك قىلمىشىنىڭ سان جەھەتتىكى كۆپلۈكى ۋە خاراكتېر جەھەتتىكى قەبىھلىكىدە ئەكس ئېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئامېرىكىدىكى تونۇلغان سىياسىي ئانالىزچى، دوكتور ئاندېرس كور 29-يانۋار كۈنى «كاتولىك ئاسىيا بىرلىكى خەۋەرلىرى» گېزىتىدە ئېلان قىلغان زور ھەجىملىك ماقالىدا دەل مۇشۇ مەسىلىلەر نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ئاندېرس كور خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ يېڭى رېكوردىنى ياراتقانلىقىنى، بۇنىڭ ئەڭ تىپىك مىسالى سۈپىتىدە ئىككى مىليونچە ئۇيغۇرنىڭ «قايتا تەربىيەلەش لاگېرى» ۋە «ئەمگەك لاگېرى» غا قامالغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ. شۇنىڭدەك پۈتكۈل دۇنيا بۇ خىل جىسمانىي خورلاش قىلمىشىنى ئەيىبلەۋاتقاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچقانداق خىجىل بولماستىن «بىز جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىنسان ھەقلىرىنى جارى قىلدۇرۇۋاتىمىز» دەپ مەيدىسىگە ئۇرۇپ يۈرگەنلىكىنى مەسخىرە قىلىدۇ.

ئاپتورنىڭ قارىشىچە، 1948-يىلى جاكارلانغان «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» دىكى يادرولۇق پرىنسىپلار ئەمەلىيەتتە دۇنياۋى مۇتەپەككۇرلارنىڭ، پەيلاسوپلارنىڭ ۋە دىنىي ئالىملارنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق تەپەككۇر دۇردانىلىرىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئىنساننىڭ تەبىئەت ئاتا قىلغان تەبىئىي ھەقلىرىنى قوغداشنى تۈپلۈك نىشان قىلغان. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداشنى شەخسلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىشنىڭ ئۈستىگە قويۇۋالغان. شۇنىڭ بىلەن بىرگە دۇنياغا ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئەڭ تۈپ پىرىنسىپىنى پايخان قىلىشنىڭ ئۈلگىسىنى كېڭەيتمەكتە ئىكەن.

ئاندېرس ماقالىسىدە ب د ت نىڭ پۇقراۋىي جەمئىيەتنى قوغداش، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى جەھەتتىكى مەسىلىلىرىنى باھالاش، تىنچلىق بەرپا قىلىش قاتارلىق مەجبۇرىيەتلەرنى ئۈستىگە ئالغانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ بۇ ئەھۋاللارغا ئەڭ زور دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ، «ھازىرقى پاكىتلاردىن قارىغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ب د ت دىكى ئىنسان ھەقلىرىنى باھالاش ۋە ئىجرا قىلىش خىزمىتىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت