سۇمانترا مايترا: «ئەپتى-بەشىرىسى چۇۋۇلغانلىقتىن خىتاي دۇنياغا ھۆركىرىمەكتە!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-25
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە كومپارتىيەسىنىڭ بارغانسېرى قورقۇنچقا چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى بۇ قېتىمقى ۋىرۇس مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇپ قېلىشى بىلەن تېخىمۇ زور دەرىجىدە ئاشكارىلانماقتا.

ئەنگلىيەلىك ئوبزورچى سۇمانترا مايترا «فېدېرالىستلار» گېزىتىدە 24-مارت كۈنى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا بۇ ‍ئەھۋال كۆپ تەرەپلىمە مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، ۋىرۇسنىڭ ۋۇخەندىكى ياۋايى ھايۋانلار ئىستېمالىدىن باشلىنىشى، ۋىرۇس ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى دۇنيادىن يوشۇرۇش قىلمىشى ھەمدە ھاكىممۇتلەقلىق بىلەن ۋىرۇسنى بىر ياقلىق قىلىشتەك جاۋابكارلىق مەسىلىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى دۇنيا مىقياسىدا خىتايغا قارشى بىر ئورتاق غەزەپنى ھاسىل قىلغانلىقتىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر پۇتى كۆيگەن توخۇدەك تېپىرلاپ قالماقتىكەن.

ئاپتورنىڭ پىكرىچە، بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنى ئەسلىدە دەسلەپ باشلانغاندىلا كونترول قىلىپ كەتكىلى بولىدىغان بولۇپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زومىگەرلىك تەبىئىتى سەۋەبىدىن نۆۋەتتە بۇ ۋىرۇس دۇنياۋى ۋاباغا ئايلىنىپ كەتكەن. بۇنىڭ بىلەن دۇنياۋى ئىقتىساد قاتتىق زەربىگە ئۇچراپ، 1930-يىللاردىكى زور چېكىنىشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلۈشكە باشلىغان. دەل شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن نۆۋەتتە ئامېرىكالىقلارنىڭ ئاز دېگەندىمۇ 55 پىرسەنتى پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ۋىرۇس سەۋەبلىك خىتاينى ئەيىبلىشىنى ھەمدە ئۇنىڭ ۋاباغا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللاش پوزىتسىيەسىدە بولماقتىكەن. بۇ بولسا خىتاي كومپارتىيەسى كۆرۈشنى خالىمايدىغان مەنزىرە ئىكەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە غايەت زور ئۆلۈم-يىتىم، ئىقتىسادىي زەربە، ئىشسىزلىق قاتارلىق يېڭىدىن پەيدا بولۇۋاتقان زور مەسىلىلەردە ھەممىلا ساھە خىتاينى ئەيىبلىمەكتىكەن. ئۇ مۇشۇ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتۇپ «خىتاي دەل مۇشۇ خىل قورقۇنچ سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى ۋىرۇسنى ئامېرىكاغا ئارتىپ قويۇش سۇيىقەستىگە باشچىلاپ كىرىپ كەتتى» دەيدۇ. شۇنداقلا بۇ قېتىمقى خىتايغا بولغان نەپرەتنىڭ چەتئەل كارخانىلىرى خىتايدىن چېكىنىپ چىقىشتەك پاجىئەگە سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن بارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇ قېتىمقى ئاپەتنىڭ مەنبەسىنى باشقا جايدىن ئىزدەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

ئاپتور خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىۋاتقان «بىز غەرب دۇنياسى ئۈچۈن ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ، ئۇلارغا تولىمۇ قىممەتلىك ۋاقىتنى قولغا كەلتۈرۈپ بەردۇق» دېگەن چۈشەنچىنى كەسكىن رەت قىلىپ، بۇنىڭ ھەممىلا يەرنى قاپلىغان «خىتاينىڭ يالغانچىلىقىدىن ئىنسانلار ئۆلمەكتە» دېگەن شوئارغا جاۋاب تەرىقىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان نالە-پەرياد ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ ئىتالىيەگە ماسكا سېتىپ بەرگەنلىكىنى «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش» دەپ تەسۋىرلەيدۇ. شۇنداقلا بۇنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا ياپونىيەنىڭ ئۆزىنى چاغلىماي ئامېرىكىغا شىلتىڭ ئېتىپ قويۇپ، پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە دۈشمەن قىلىپ قويغىنىدەك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۇرۇنۇشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس، دەيدۇ.

ئاپتور ئاخىرىدا پۈتۈنلەي ئالدىنى ئالغىلى بولىدىغان قېتىملىق ۋىرۇس پاجىئەسى ۋە ئۇنىڭ دۇنياغا ئېلىپ كەلگەن تۈرلۈك ئاپەتلىرى سەۋەبلىك خىتاينىڭ زومىگەرلىك، ھاكىممۇتلەقلىق، ھاماقەتلىك ۋە يالغانچىلىق تەبىئىتى ئاشكارا بولغانلىقىنى، دەل مۇشۇ ھالنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى مەسئۇلىيەتنى باشقىلارغا ئارتىپ قويۇشقا ئۈندەۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت