لاررىي كلايمان: «خىتاينى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تاپشۇرىمىز!»

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-04-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىر نەچچە ھەپتە ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن تۆلەم ئەرزى سۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئامېرىكالىق ئادۋوكات لاررىي كلايمان يېقىندا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى يەنە بىر قانۇنىي ھەرىكەتنى باشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«قانۇن ۋە جىنايەت» تورىدا 4-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئادۋوكات لاررىي بۇ قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئەيىبلەش لازىملىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئادۋوكات لاررىي بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «دۇنيا بويىچە نوپۇسى ئەڭ كۆپ بولغان بىر دۆلەتنىڭ غەرەزلىك ھالدا بىيولوگىيەلىك قوراللارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ھەمدە ئۇنىڭ كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىشى سەۋەبىدىن بۇ قېتىمقى دۇنياۋى ۋابا كېلىپ چىقتى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قىلمىشى ئۈچۈن خەلقئارالىق جىنايى ئىشلار سوتىدا سوتلىنىشى لازىم،» دېگەن.

«خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايىتى ۋە قانۇنسىز بىيولوگىيەلىك قوراللارنى ياساش ئارقىلىق قىرغىنچىلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلەش ھەققىدىكى ئەرز» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان 27 بەتلىك بۇ ئەرزنامىدا جاۋابكارلار ئىسىملىكى بېرىلگەن. ئۇنىڭدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ۋە ۋۇخەن ۋىرۇس تەتقىقات مەركىزى قاتارلىقلار ئاساسلىق جاۋابكار سۈپىتىدە كۆرسىتىلگەن. شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىرۇس باشلىنىشتىن ئاۋۋالقى ۋاقىتلاردىن تاكى يېقىنقى مەزگىللەرگىچە بولغان ۋىرۇسقا مۇناسىۋەتلىك بارلىق مۇھىم ئەھۋاللىرى كىرگۈزۈلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، «ئەركىنلىكنى كۆزىتىش» تەشكىلاتى بۇ قېتىم لارىي كلايمان بىلەن بىرلىكتە ئەرز قىلماقچى ئىكەن. ئۇلار بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا: «بىز تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ خىتايدىكى بىيولوگىيەلىك قوراللار تەجرىبىخانىسىدىن تارقالغانلىقى ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىنى ئاساس قىلدۇق،» دېگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى لارىي كلايمان ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈستىدىن ئىقتىسادىي تۆلەم دەۋاسى قىلماقچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىدىن 20 تىرىلليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆلەم ئېلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت