«تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى: «خىتاي سوتتا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2019-12-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپى ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات ئىنستىتۇتىنىڭ پروفېسسورى ئازەم ئىبراھىم 3‏-دېكابىر ئامېرىكادىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللارنىڭ بىرى بولغان «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان «مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» سەۋەبلىك خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىغا تارتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. ئازەم ئىبراھىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇشىغا ئالاقىدار سىياسىي ھۆججەتلەر ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى تېمىسىدا دراماتىك ئۆزگىرىش پەيدا قىلماقتا» ئىكەن. ئۇ، بۇ ھۆججەتلەر خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈئەنگولارنىڭ «پىلانلىق مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى» ئېلىپ بېرىش نىيىتىنى ئاشكارىلاپ بەرگەن.

ئازەم ئىبراھىمنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە قېلىپ ئالغان بىردىن بىر مەسىلە «خەلقئارا جەمئىيەت نېمىگە تەييارلىق قىلىش كېرەك، دېگەن سوئال» ئىكەن. ئۇ «خىتاي سوتتا ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئىناقلىق ئۈچۈن مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، لېكىن ئۇنىڭ كەڭ كۆلەملىك قىرغىنچىلىققا ئايلىنىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ب د ت بۇ مەسىلىدە قارار چىقىرىشى قىيىن بولۇپ، بۇنىڭغا ئامېرىكا 1990‏-يىللاردىكى بالقان ئۇرۇشىدا قوللانغاندەك ھەربىي ئارىلىشىشقا ئىمكانسىز ئىكەن. ئۇ، بۇنىڭدىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك يولنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى ئىشقا سېلىش ئىكەنلىكى، بۇنىڭ خىتايغا كۈچلۈك بېسىم پەيدا قىلىپ، ئۆزىنىڭ گېئو سىياسىي ۋە سودا مەنپەئەتىنى ئويلىشىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئازەم ئىبراھىمنىڭ قارىشىچە، بۇ يولدا مۇسۇلمان دۆلەتلىرى توسقۇنلۇق قىلىش رولىنى ئوينايدىكەن. ئۇ، بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىرادىسىگە باش ئەگكەنلىكىنى، خىتاينىڭ مەبلىغى ئېقىپلا تۇرسا، ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا ھېچقانداق كاشىلا چىقارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت