خىتايدىكى زور ئاچارچىلىق ھەققىدە كىتاب يازغان مۇخبىرنىڭ خىتايدىن چىقىشى چەكلەندى

مۇخبىرىمىز جۈمە
2016-02-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


1950 يىللىرى خىتايدا نەچچە مىليون ئادەمنىڭ ئۆلۈشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان زور ئاچارچىلىق ھەققىدە كىتاب يازغان سابىق مۇخبىرنىڭ خىتايدىن چىقىپ مۇكاپات تاپشۇرۇۋېلىشىغا يول قويۇلمىغان.

«نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق مۇخبىرى ياڭ جىشېڭ «قەبرە تېشى» ناملىق كىتابىدا خىتايدا 1958 - يىلىدىن 1962 - يىلىغىچە داۋام قىلغان ئاچارچىلىقتا قازا قىلغان 36 مىليون ئادەمنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى ھۆججەتلىك شەكىلدە بايان قىلغان.

ئۇ كىتابىدا مەزكۇر ئاچارچىلىقىنى ماۋزېدۈڭ دەۋرىدىكى خاتا سىياسەت، قىسقىسى ئادەم كەلتۈرۈپ چىقارغان بالايىئاپەت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇنىڭ كىتابى 2008 - يىلى يېزىلغان بولسىمۇ، خىتايدا چەكلەنگەن.

ئۇنىڭ مەزكۇر كىتابى ئۆتكەن يىلى دېكابىردا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ «مۇخبىرلىقتىكى ۋىجدان ۋە ھەققانىيلىق» ئۈچۈن بېرىلىدىغان «لۇئىس ليونس مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن.

ھالبۇكى بۇ يىل 75 ياشقا كىرگەن ياڭ جىشېڭنىڭ «نيۇ - يورك ۋاقىت گېزىتى» گە سەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ ئۇنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ مۇكاپات تاپشۇرۇپ ئېلىشى چەكلەنگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ياڭ ئەپەندى بۇندىن بۇرۇن چەتئەللەرگە چىقىپ ئۆز ئەسەرلىرىگە بېرىلگەن مۇكاپاتلارنى تاپشۇرۇپ ئېلىشتا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا يولۇقمىغان ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت