ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق خىتاي كۆچمەن ئاھالىلەر نامايىش قىلىپ، ئۆي مۈلك شىركىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-04-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

23‏-ئاپرېل، ئۈرۈمچىنىڭ مىدوڭ رايونىدىكى بىر ئولتۇراق رايونىدا تۇرۇشلۇق خىتاي كۆچمەن ئاھالىلەر نامايىش قىلىپ، ئۆي مۈلك شىركىتىنىڭ ئولتۇراق رايوننىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزىدىكى بوشلۇققا پۇللۇق ئاپتوموبىل توختاش ئورنى ياساش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شىكايەت قىلىشىچە، بۇ ئورۇنغا ئاپتوموبىل توختاش ئورنى ياسالسا، قورۇنىڭ بىردىن-بىر كىرىش-چىقىش ئېغىزى تارىيىپ، ئاران 4 مېتىرغا چۈشۈپ قالىدىكەن ھەم قورۇغا كىرگەن ئاپتوموبىللار بىلەن پىيادىلەر 4 مېتىرلىق بۇ يولنى تەڭ ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدىكەن. بىر كۆچمەن خىتاي نامايىشچى رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە، بۇنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلىسى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«خۇادۇ جىڭشېڭ باغچىسى» ناملىق بۇ مەھەللىدە ئولتۇرۇشلۇق 300 دەك ئاھالە پەيشەنبە كۈنى يول توسۇپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. بىراق دائىرىلەر نەچچە يۈز قالقانلىق ساقچىلارنى ئەۋەتىپ، نامايىشلارنى مەجبۇرى تارقىتىۋەتكەن. بىر نامايىشچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جەرياندا بىر كىشى يارىلان، ساقچىلار 14 كىشىنى ساقچى پونكىتىغا تۇتۇپ ئاپىرىپ، شۇ كۈنى يېرىم كېچىدە قويۇپ بەرگەن.

«خۇادۇ جىڭشىڭ باغچىسى» ناملىق بۇ ئولتۇراق رايون 7 يىل ئاۋۋال سېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا 500 تۈتۈن، 2000 ئاھالە ئولتۇرۇشلۇقكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت