شاڭخەي، خاڭجۇلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى مەتبۇئات يالغانچىلىقىنى ئەيىبلەپ نامايىش قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-10-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ 1-ئۆكتەبىر دۆلەت بايرىمىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغان بولسىمۇ، شاڭخەي، خاڭجۇلاردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى خىتاي مەتبۇئاتلىرىدىكى يالغانچىلىقنى ئەيىبلەپ نامايىش قىلدى.

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى تور بېكەتلىرىدىن بوشۈن تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 30-سېنتەبىر كۈنى خاڭجۇ شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە ئەرزدارلاردىن چۈ لىۋەن قاتارلىق 20 دىن ئارتۇق كىشى خىتاينىڭ خەلق گېزىتى ئىشخانا بىناسى ئالدىغا كېلىپ، خەلق گېزىتىنىڭ «ئىككى يىلدىن بۇيان خاڭجۇدىن بىرمۇ ئەرزدار چىقمىدى» قاتارلىق يالغان خەۋەرلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1-ئۆكتەبىر كۈنى شاڭخەي شەھىرىدىكى ئەرزدارلارمۇ شاڭخەي شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىدارىسى ئالدىدا نامايىش قىلغان. ئۇلار قوللىرىدا «ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ مال-مۈلكىنى ئاشكارىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز، مەتبۇئاتلارنىڭ خەلق ئىشىنىدىغان راست خەۋەرلەرنى بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن پلاكاتلارنى كۆتۈرۈپ، ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ يالغانچىلىقىنى ئەيىبلىگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت