فىلىپپىن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سپراتىل ئارىلىدىكى دالا زىيارىتى خىتاينىڭ ئوغىسىنى قايناتتى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015-12-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى، فىلىپپىنلىق بىر گۇرۇپپا ئوقۇغۇچىنىڭ تالاش-تارتىشتىكى سپراتىل ئارىلىغا قەدەم باسقانلىقىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، سانى 50 ئەتراپىدا بولغان، كۆپىنچىسى ئوقۇغۇچىلاردىن تەشكىللەنگەن بىر گۇرۇپپا فىلىپپىنلىقلار ئۈچ كۈنلۈك دالا زىيارىتى ئۈچۈن شەنبە كۈنى سپراتىل تاقىم ئاراللىرىدىكى تىتۇ ئارىلىغا يېتىپ بارغان.

مەلۇم بولۇشىچە، تىتۇ ئارىلىنىڭ باشلىقى ئېگىنو بىتو ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەزكۇر زىيارىتىنى خىتاينىڭ فىلىپپىن تۇپراقلىرىنى چاندۇرماي ئىشغال قىلىش قەستىگە قارىتا قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەش دېگەن. خىتاي باياناتچى بۈگۈنكى سۆزىدە فىلىپپىنلىقلارنىڭ قىلغىنىدىن «قاتتىق خاپا» بولغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرلىكتە، فىلىپپىن تەرەپنى قانۇنسىز ئىگىلىۋالغان مەزكۇر ئارالدىكى بارلىق كىشى ۋە ئەسلىھەلىرىنى چېكىندۈرۈپ ئەكېتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە فىلىپپىن-خىتاي دوستلۇقىغا زىيانلىق قىلمىشلاردىن ساقلىنىشقا دەۋەت قىلغان.

سپراتىل ئارىلى فىلىپپىن، ۋىيېتنام، بىرۇنېي، مالايشىيا ۋە تەيۋەن ئارىسىدا تالاش-تارتىشتىكى جاي بولۇپ، خىتاي مەزكۇر ئارالنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ پۈتۈنلەي ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى داۋا قىلىدۇ. فىلىپپىن ئىلگىرى تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاينى گائاگادىكى خەلقئارا سوتتا كېلىشىشكە چاقىرغان، خىتاي تەرەپ سوتلىشىشنى رەت قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت