«خىتاينىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويماسلىق كېرەك»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2020-05-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئىككى نەپەر كومىسسارى گارى باۋئېر ۋە تېنزىن دورجى قاتارلىقلار «ۋاشىنگتون تەكشۈرگۈچىسى» ناملىق ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىش سالاھىيىتى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى.

ماقالىگە «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ھۆرمەت قىلماي تۇرۇپ، ئۇنىڭ 2022-يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشىگە يول قويماسلىق كېرەك» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان. ئۇلار ماقالىسىدە، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ياپونىيەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇس سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى ئولىمپىك تارىخىدىكى تۇنجى بىر ۋەقە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ بۇنداق قىيىنچىلىققا يەنە بىر قېتىم يولۇقىدىغانلىقىنى، ئۇ بولسىمۇ 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىغان قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇلار بۇنداق دېيىشىدىكى سەۋەبنى ئىزاھلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنى جازا لاگېرلىرىغا سولاپ قويغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ پەقەت ئۇزۇن ساقال قويۇش، ھاراق ئىچىشنى رەت قىلىش قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «دىنىي ئاشقۇنلۇق» دەپ قارالغان سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن لاگېرغا سولانغانلىقى ھەم بىر قىسىم ئۇيغۇر لاگېر تۇتقۇنلىرىنىڭ خىتايدىكى زاۋۇتلاردا مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا ماقالىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بويىچە يۈزلىگەن چېركاۋ، مەسچىت ۋە بۇتخانىلارنى ۋەيران قىلغانلىقى، ھۆكۈمەت يېڭى بەلگىلىمە چىقىرىپ، دىنىي گۇرۇپپىلاردىن كومپارتىيەنىڭ پرىنسىپلىرىنى قوبۇل قىلىشنى ۋە ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى بايان قىلىنغان. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلار ۋە تىبەت رايونلىرىدا يۇقىرى تېخنىكىلىق نازارەت قىلىش دۆلىتى قۇرۇپ چىقتى. مۇتەخەسسىسلەر بۇ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنىڭ تۇنجى قېتىم قەستەن مىللەت ئايرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىشى، دەپ باھالىماقتا».

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە ساھىبخانىلىق قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ھەرىكىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تەرىپىدىن خېلى بۇرۇنلا ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقان خىتايدەك دۆلەتنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشى تىنچلىق ۋە باراۋەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان ئولىمپىك روھىغا خىلاپ، دەپ كۆرسەتكەن.

ماقالە ئاپتورلىرى ئۆزلىرىنىڭ يۇقىرىدىكى چاقىرىقلارغا ئاۋاز قوشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ «كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە پارلامېنت ئەزالىرى ئاللىقاچان خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىدىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشى ئۇنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىنىشى كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمايدىكەن مۇسابىقىنى باشقا دۆلەتكە يۆتكەشنى تەلەپ قىلدى. بىزمۇ ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ چاقىرىقلارغا ئاۋاز قوشىمىز، 2022-يىلى بېيجىڭدا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش خاتا سىگنال بېرىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىككە قاراتقان زالىملارچە دەپسەندىچىلىكىنى قانۇنلاشتۇرىدۇ» دەپ ئەسكەرتكەن.

ئۇلار ماقالىسى ئاخىرىدا، خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىغا كۆرسەتكەن پوزىتسىيىسىنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىمۇ ئوخشاش كۆرسىتىشكە چاقىرغان. شۇنداقلا ئەگەر ئولىمپىك بېيجىڭدا ئېچىلغان تەقدىردە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى بېيجىڭدىكى مۇسابىقىگە ھېچقانداق ئەمەلدار ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشقا ھەتتا پۈتۈن ئامېرىكا تەنھەرىكەتچىلىرىنى مۇسابىقىگە ئەۋەتمەسلىككە چاقىرغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت