ئىچكىرىدىن يۇرتىغا قايتقان ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋاتقان لاگېرلار

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2019-10-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ شامىلى ئىچكىرىدە ھەر خىل كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ بوش قويمايۋاتقانلىقى يېقىندا بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئاغزاكى بايانلىرىدىن مەلۇم بولدى.

«زىمىستان» تورىنىڭ 15-ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يې لىڭ تەخەللۇسىدىكى خىتاي ئاپتور خىتاينىڭ فۇجيەن ئۆلكىسىدە باققاللىق قىلىۋاتقان باقى ئىسىملىك بىر ئۇيغۇر بىلەن سۆزلەشكەن. باقى ئۇنىڭغا يۇرتىدىكى ئاھالىلەر كومىتېتى ئۆزىگە «تېزدىن قايتىپ كېلىپ كىملىكنى يەڭگۈشلىۋېلىش» نى ئېيتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ يۇرتىغا ئوتتەك قايتقۇسى بولسىمۇ قايتىشقا جۈرئەت قىلالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. مۇخبىر بۇنىڭ سەۋەبىنى سورىغاندا ئۇ «ئىچكىرىدىن قايتىپ بارغان ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى لاگېرغا كېتىۋاتىدۇ. بارسام ئەمدى قايتىپ كېلەلمەسلىكىم ئېنىق» دېگەن.

باقى ئۇنىڭغا ئۆزى تونۇيدىغان كىشىلەردىنلا نەچچىسىنىڭ يۇرتىغا قايتقان ھامان لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى، ئۇلاردىن بەزىلىرىنىڭ 15-20 يىلدىن قاماققا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى، ھازىر يېشى 40 قا بارمىغانلىكى ئەرلەرنىڭ «تەربىيەلەش» كە ئېلىپ كېتىلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. ئىچكىرىدىكى بىر رېستوراندا ئىشلەۋاتقان رەنا ئىسىملىك ئۇيغۇر ئايالمۇ ئېرىنىڭ ئىككى يىل بۇرۇن يۇرتىدىن كەلگەن بىر تېلېفون بىلەن قايتىپ بارغانچە لاگېرغا قامالغانلىقىنى، ئېرىنىڭ ئورتاق تىل ۋە فۇجيەن شېۋىسىدە راۋان سۆزلىيەلەيدىغانلىقىنى، شۇنداق تۇرۇقلۇق ھازىرغىچە «تەربىيەلەش» تىن چىقالمىغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت