خىتاي جەڭ پاراخوتلىرى شەرقىي ھىندى ئوكيانغا كىردى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018-02-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ھىندى ئوكياندىكى مالدىۋې تاقىم ئاراللىرىدا جىددىي ھالەت ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاينىڭ 11 ئۇرۇش پاراخوتى مۇشۇ ئاي ئىچىدە شەرقىي ھىندى ئوكيان تەۋەلىكىگە كىرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» غا سوغۇق مۇئامىلىدە بولۇۋاتقان ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋىتى يېقىندا مالدىۋې پرېزىدېنتى ئابدۇللا يامېن خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقىدار توختاملارغا قول قويغانلىقى سەۋەبلىك يەنىمۇ ناچارلاشقان. چۈنكى بۇ كېلىشىم بويىچە، خىتاي مالدىۋې تەۋەلىكىدە سودا ۋە قاتناش نۇقتىلىرى تەسىس قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئاسىيا رايونىدىكى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن پايدىلىنىشقا ئىشلىتەلەيدىكەن.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى بىلەن مالدىۋې ئوتتۇرىسىدا ئەنئەنىۋى سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ئالاقىسى مەۋجۇت بولۇپ، ھىندىستان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مالدىۋې تەۋەسىدە سودا نۇقتىلىرى تەسىس قىلىشىغا قارشى چىققان، شۇنىڭدەك بۇ ھەقتە مالدىۋې ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان. ئەمما خىتاي ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ مالدىۋېدىكى جىددىيچىلىك بىلەن قايسى دەرىجىدە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى توغرىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن. پەقەت «سىنا تورى» بۇ ھەقتىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىپ، «دىققەت بىلەن قارىسىلا خىتاي بىلەن ھىندىستان دېڭىز ئارمىيەلىرىنىڭ چوڭ پەرقى يوقلۇقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ» دېگەن.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى» بۇ ھەقتە ماقالە ئېلان قىلىپ، «مالدىۋېدىكى ئىشلار ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشى. ھىندىستاننىڭ بۇ ئىشلارغا ئارىلىشىش ھەققى يوق» دېگەن. شۇنىڭدەك ئەگەر ھىندىستان مالدىۋېدىكى جىددىي ۋەزىيەتكە ھەربىي جەھەتتىن ئارىلاشسا خىتاينىڭ بۇنىڭغا قارىتا تېگىشلىك تەدبىر ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەلىكىدە زېمىن داۋاسى قىلىشى قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇۋاتقان بىر پەيتتە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا بۇ دەرىجىدە ئارىلىشىشى خەلقئارادا يەنە بىر غۇلغۇلىغا سەۋەب بولغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت