خىتاينىڭ پايچەك بازىرى تۆۋەنلەپ 2008 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ توۋەن چەككە چۈشكەن

مۇخبىرىمىز جۈمە
2015-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


خەۋەرلەرگە قارىغاندا خىتاينىڭ پايچەك بازىرى 19 - ئىيۇن شىددەتلىك تۆۋەنلەپ 2008 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ توۋەن چەككە چۈشكەن. تۆۋەنلەش شاڭخەي ۋە شېنجېن ئىندېكسىدا ئوخشاش كۆرۈلگەن.

شاڭخەي بىرىكمە ئىندىكىسى جۈمە كۈنى 6.4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر پايچەك ئىندېكسىنىڭ بۇ ھەپتىلىك ئومۇمىي زىيىنى 13 پىرسەنت بولغان.

شېنجېن پايچەك بازىرى جۈمە كۈنى 5.9 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن بولۇپ، بۇ پايچەك بازىرىنىڭ زىيىنىمۇ بۇ يىل 12 - ئىيۇندىكىگە قارىغاندا 13 پىرسەنت بولغان.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پايچەك بازىرىدىكى بۇ خىل تۆۋەنلەشنى بازاردا ئوبوروت بولۇۋاتقان كۆچمە مەبلەغگە قارىتىلغان چەكلىمە كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىكى بانكىلار - ئارا قەرز ئېلىش چىقىمى ئۆسۈپ كەتكەن. بۇ يىل مارتتىن باشلاپ خىتاي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن قەرز بېرىش ساھەسىگە كۆپلەپ نەق پۇل كىرگۈزگەن.

ھالبۇكى، مەركىزىي بانكا ئۆتكەن ھەپتىدىن بۇيان ئوچۇق بازار سودىسىغا ئارىلاشمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇنىڭ بىلەن پايچەك بازىرىدا يۇقىرى نىسبەتتە سېتىش دولقۇنى كۆرۈلۈپ، پايچەك ئىندېكسى تۆۋەنلىگەن.

ئۆتكەن ھەپتە خىتايدىن چەتئەل مەبلىغىنىڭ تىز سۈرەتتە چىقىپ كېتىۋاتقانلىقى، بىر ھەپتە جەريانىدا خىتايدىن چېقىپ كەتكەن چەتئەل مەبلىغىنىڭ 7 مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت