پايچەك چۈشكەندىن كېيىن خىتاي مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلەتتى

2015-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۆتكەن ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خىتاي پايچەك بازىرىدا جىددىي تۆۋەنلەش كۆرۈلگەندىن كېيىن، خىتاي مەركىزىي بانكىسى ئۆسۈم نىسبىتىنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ توۋەن چەككە چۈشۈرۈپ بازارنى تۇراقلاشتۇرماقچى بولدى.

خىتاي مەركىزىي بانكىسىنىڭ شەنبە كۈنى ئۆز توربېتىدە كۆرسىتىشىچە، بانكا قەرز بېرىش ئۆسۈم نىسبىتىنى 4.85 پىرسەنتكە چۈشۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي مەركىزىي بانكىسى بۇ ئارقىلىق پايچەك بازىرىنىڭ تۆۋەنلىشى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا كەلتۈرۈپ چىقارغان ئالاقزادىلىكنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان.

«بلۇمبېرگ» تورىدا نەقىل قىلىشىچە، خوڭكوڭدىكى مىزۇھو مەبلەغ سېلىشى شىركىتىدىكى ئىقتىسادشۇناس سەن جياڭگۈەن مۇنداق دېگەن: مەركىزىي بانكا پايچەكنىڭ تۆۋەنلىشىدىن ھودۇقۇش كېلىپ چىقىشىنى خالىمايدۇ. بۇ خىل ئالاقزادىلىك ئىقتىسادىي مۇقىمسىزلىق كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

شاڭخەي بىرىكمە ئىندىكىسى 26 - ئىيۇن 7.4 پىرسەنت تۆۋەنلىگەن. شۇنىڭ بىلەن مەزكۇر پايچەك بازىرىدىكى بۇ ھەپتىلىك ئومۇمىي تۆۋەنلەش 12 - پىرسەنتتىن 19پىرسەنت ئەتراپىدا بولغان.

شاڭخەي ۋە شېنجېن ئىندېكسلىرى 2 - ئىيۇنمۇ يۇقىرى نىسبەتتە تۆۋەنلىگەن ئىدى.

بۇ خىل تۆۋەنلەش خىتاي پاي ھەسسىدارلىرىنى قورقۇتۇۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قوللىرىدىكى پايلىرىنى تۈركۈملەپ سېتىشقا باشلىغان، نەتىجىدە بۇ خىتاي پايچەك بازىرىدا بىر قېتىملىق سېتىش پاتىپاراقچىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ھۆكۈمەت دائىرىلىرى بۇنىڭ ئالدىنقى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇ خىتاي مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆتكەن يىلى نويابىردىن بۇيان 4 - قېتىم چۈشۈرۈشى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت