خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچ مىليون مو يېشىللىق بىنا قىلىش پىلانى گۇمان قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-03-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي بويىچە ھەممىلا جايدا «تاجسىمان ۋىرۇسنىڭ كونترول قىلىنغانلىقى» تەشۋىق قىلىنىۋاتقاندا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ 2020-يىلى ئىككى مىليون مو ئورمان بىنا قىلىش، شۇ ئارقىلىق «چۆللىشىپ كەتكەن ئۈچ مىليون مو يەرنى يېشىللاشتۇرۇش» نى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولۇشى زور گۇمان قوزغىماقتا.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 31-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلقى كۆكەرتىش پىلانىدا ئاقسۇ، قۇمۇل، غۇلجا، ئالتاي قاتارلىق جايلار ئاساسىي نۇقتا بولۇپ، ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلار تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قائىدىلەرگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، ئۇيغۇرلار دىيارىدا سۇ مەنبەسىنى كونترول قىلىۋېلىشى ھەمدە قالايمىقان بوز يەر ئېچىشى سەۋەبىدىن ھېسابسىز يەرلەرنى قۇم بېسىپ كەتكەنلىكى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى ساھەنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلگەن ئىدى. ئەمدىلىكتە خىتاي ۋىرۇس ۋەھىمىسىدە قېلىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا يېشىللىقنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنۇشىنى بەزىلەر «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تېخىمۇ زور كۆلەملىك خىتاي كۆچۈرۈش ھەرىكىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ بىرى بولۇشى مۇمكىن» دەپ قارىماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت