خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى توپلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2017-11-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە بارلىق يۇقىرى تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، يۈز مىليونلىغان پۇقرالارنىڭ بارلىق ئۇچۇرىنى، ھەتتا ماڭغان-تۇرغان ھالەتلىرىنى، ئۇلارنىڭ قاچان، قەيەردە، نېمە ئىش قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى تولۇق توپلىشى خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىدى.

«خۇرۇستال» تورىدا بۈگۈن ئېلان قىلىنغان ئېكو خۇاڭ ئىمزاسىدىكى «شۇملۇقنىڭ دېتاللىرى» ناملىق ماقالىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «ساقچى بۇلۇتى» ناملىق سىستېمىسى تەپسىلىي تونۇشتۇرۇلىدۇ. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرى مۇشۇ سىستېما ئارقىلىق پائالىيەتچىلەرنىڭ، ئۆكتىچىلەرنىڭ، شۇنىڭدەك «ئەسەبىي ئىدىيە» دىكى «ئاز سانلىق مىللەت» كىشىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ھەمدە ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى ھەرىكەتلىرى ھەققىدە تەخمىنلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى نىشان قىلغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ساقچىلىرى ھازىر شەخسلەرگە مەنسۇپ زور ھەجىمدىكى تېكىست ۋە ئۈن-سىن ماتېرىياللىرىنى توپلاپ غايەت زور بولغان سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى بەرپا قىلىپ چىققان. ھازىرقى خىتاي ج خ مىنىستىرلىقى باشقۇرۇۋاتقان «ساقچى بۇلۇتى» ناملىق «بۈيۈك سانلىق مەلۇمات» سىستېمىسىدا پۇقرالارنىڭ داۋالىنىش تارىخىدىن تارتىپ قايسى ماگىزىنلارغا خېرىدار بولغىنىغىچە بولغان بارلىق ئۇچۇرلىرى، جۈملىدىن ئۇلارنىڭ كىم بىلەن نېمىلەر قىلىۋاتقىنىغىچە بولغان پائالىيەتلىرى ئۇدۇللۇق شۇ كىشىنىڭ كىملىك نومۇرى بىلەن باغلاپ خاتىرىلەنگەن. بۇ ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ ئەمدىكى قەدەمدە نېمە قىلماقچى بولغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلىش مەقسەت قىلىنغان. 

«ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 19-نويابىر كۈنى زور ھەجىملىك دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇسۇللىرىنى «پۇقرالارنىڭ شەخسىيىتىگە قىلىنغان دەخلى-تەرۇز» دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت