خىتاي يېڭى «ئىستىخبارات قانۇن لايىھەسى» ئېلان قىلدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي سەيشەنبە كۈنى يېڭى «ئىستىخبارات قانۇنى لايىھەسى» ئېلان قىلدى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى تورىنىڭ 16-ماي كۈنىدىكى سانىدا مەزكۇر قانۇن لايىھىسىنىڭ تولۇق نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، 16-مايدىن 4-ئىيۇنغىچە جەمئىيەتتىن مەزكۇر قانۇن لايىھىسى ھەققىدە پىكىر قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «ئىستىخبارات قانۇن لايىھەسى» ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشىدە يەنە مەزكۇر قانۇن لايىھەسىنىڭ «دۆلەت بىخەتەرلىك قانۇنى»،«جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» ۋە «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇن» قاتارلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ خىتاي ئىستىخبارات خادىملىرىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلىش جەريانىدىكى خىزمەت ئىستىلى، ھوقۇق دائىرىسى ۋە ئىستىخبارات توپلاش قائىدە-نىزاملىرىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان «ئىستىخبارات قانۇن لايىھەسى» خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىدى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ مەزكۇر قانۇن لايىھەسى ھەققىدىكى خەۋىرىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ تەختكە چىققاندىن بۇيان، خىتايغا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كېلىدىغان تەھدىتلەرنىڭ كۆپەيگەنلىكى، تەشۋىقاتلارنىڭ كۈچەيتىلگەنلىكى ۋە ھەر خىل يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەرنىڭ كۆپەيتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلغان يۇقىرىقى قەيت قىلىنغاندەك قانۇن-نىزاملىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت