خىتاينىڭ «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى ماقۇللىشى زور غۇلغۇلا پەيدا قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2020-06-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 30-ئىيۇن كۈنى «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى ماقۇللاپ، بۇنىڭ شۇ كۈندىن ئېتىبارەن رەسمىي ئىجرا بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ كۈنى مەزكۇر قانۇن ھەققىدە رەئىس بۇيرۇقى ئېلان قىلىپ ئۇنىڭغا ئىمزا قويغان.

ئامېرىكا سىملىق خەۋەرلەر تورى (CNN) نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بويىچە خوڭكوڭ تەۋەسىدىكى خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىش ياكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇزىنى ئاغدۇرۇش خاراكتېرىدىكى ھەرقانداق قىلمىش، شۇنىڭدەك چەتئەل كۈچلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش ۋە باشقا «تېررورلۇق» ھەرىكەتلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى جىنايى ئىشلار دېلوسى قاتارىدا بىر ياقلىق قىلالايدىكەن.

«ئامېرىكا خەۋەرلىرى» نىڭ 30-ئىيۇندىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «خوڭكوڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى» رەسمىي ئېلان قىلىنغۇچە ئۇنىڭ مەزمۇنى جامائەتكە ئاشكارىلانمىغان. شۇڭا خوڭكوڭدا ھېچكىممۇ بۇ قانۇندا نېمىلەرنىڭ ئېيتىلغانلىقىدىن خەۋەرسىز تۇرغان. ئەمما خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىنىڭ «بېيجىڭپەرەس» دەپ قارىلىۋاتقان باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى كەررىي لام بۇ توغرىلىق سۆز قىلىپ «مەزكۇر قانۇننىڭ خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغانلىقىنى قىزغىن ئالقىشلايمىز» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى ماھىيەتتە خوڭكوڭنىڭ «ئاپتونومىيە» لىك ئورنى ئۈزۈل-كېسىل خاراب بولغانلىققا باراۋەر ئىكەن. چۈنكى 23 يىل ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى ئەنگلىيەدىن قايتۇرۇۋالغاندا «خوڭكوڭنىڭ ھازىرقى قانۇن سىستېمىسى 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ جاكارلىغانىكەن. ئەمدىلىكتە بولسا بۇ قانۇن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىك يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىقىشى مۇمكىن بولغان بېيجىڭغا قارشى ھەرقانداق ھەرىكەتنى «جىنايەت» دەپ بېكىتىپ بىر ياقلىق قىلىشقا يول ئاچىدىكەن.

مەزكۇر قانۇن ماقۇللانغاندىن كېيىن خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم كىشىلەر «خوڭكوڭغا ئەركىنلىك!»، «ئىنقىلاب باشلانسۇن» دەپ شوئار توۋلىغان. نۇرغۇنلىغان پۇقراۋى تەشكىلاتلار بولسا ئۆزلىرىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىنىڭ ئېغىر چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىمۇ ئۆزلىرىنىڭ بۇنىڭدىن تەشۋىشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت