3 كىشىنى ئۆلتۈرگەن ۋۇخەنلىكنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن چىقىشالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2017-07-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە خىتاينىڭ ۋۇخەن شەھىرىدىكى ۋاڭ شياڭ ئىسىملىك بىر كىشى پىچاقلىق ھۇجۇم ئېلىپ بېرىپ، 3 كىشىنى ئۆلتۈرگەن، 4 كىشىنى يارىلاندۇرغان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ۋۇخەن ساقچى دائىرىلىرى ۋەقە ھەققىدىكى باياناتىدا، 40 ياشلىق ۋاڭ شياڭنىڭ خىزمەتداشلىرى بىلەن بولغان زىددىيىتى سەۋەبلىك بۇنداق بىر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ شياڭ ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ شەھەرنىڭ باشقا بىر يېرىگە بېرىپ، ئۇ يەردە يولدىن ئۆتكەن-كەچكەنلەرگە ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغاندا ساقچىلار ئۇنى ئېتىپ قولغا چۈشۈرگەن. بىراق، باياناتتا ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئۆز خەۋىرىدە، خىتايدا بۇنداق ۋەقەلەر كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتايدا بۇ ۋەقەلەر كۆپىنچە ھاللاردا روھىي كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاپ، ئالدىنى ئالالماسلىق ۋە تېز تەرەققىياتقا ماسلىشالماسلىق دېگەنلەرگە باغلىنىپ خەۋەر قىلىنىدۇ، دېگەن.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بولسا، يۇقىرىدىكى بۇ ۋەقەنى ئەگەر بىر ئۇيغۇر سادىر قىلغان بولسا، ئۇ كىشىنىڭ دەرھال تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلىدىغانلىقىنى، پۈتۈن جەمەتىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىپ، سوراققا تارتىلىدىغانلىقىنى، ئەمما خىتايلار بولسا «نېرۋىسى بۇزۇلغان» ياكى «جەمئىيەتكە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان» دەپ تۈگىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارغا «ئىككى خىل ئۆلچەم» يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن مۇشۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنىڭ كۆپىدە، بۇنىڭ ھۇجۇمچى بىلەن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئارىسىدا كېلىپ چىققان زىددىيەت سەۋەبلىك چىققانلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى بىردەك تېررورلۇق ۋە دىنىي رادىكاللىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت