20 يىل بۇرۇنقى خىتاي قاتىلنى ئىزدەش ئاقساراي توربېتىدە ئاممىۋى ھەرىكەت قوزغىدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013-05-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مۇشۇ ئاينىڭ 3 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاقساراي توربېتىدە، ئامېرىكىدىكى خىتايلار تەرىپىدىن بىر مۇراجەتنامە ئېلان قىلىندى. مۇراجەتنامىدە، خىتايدا بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن يۈز بەرگەن بىر قاتىللىق ۋەقەسى بايان قىلىنىپ، ۋەقەدىكى قاتىل گۇماندارىنىڭ نۆۋەتتە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقانلىقى پاش قىلىندى.

مۇراجەتنامىدە ئوباما ھۆكۈمىتىدىن مەزكۇر گۇماندار ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ۋە ئامېرىكىدىن ھەيدەپ چىقىرىش تەلەپ قىلىندى. بۇ مۇراجەتنامە ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۈچلۈك دىققەت ۋە ھىمايىگە ئېرىشىپ، مۇراجەتنامىنى قوللاپ ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ سانى 3 كۈن ئىچىدە 110 مىڭدىن ئاشقان.

پاش قىلىنىشىچە، 1995 - يىلى خىتاينىڭ چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى جۇ لىڭ، ئۈز ياتىقىدا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. غوللۇق قاتىل گۇماندارى سۈن ۋېي، خىتاي يۇقىرى ئەمەلدارلار قاتلىمىنىڭ ئەۋلادى بولغاچقا، ئەينى چاغدا مەزكۇر دېلو سوت تەرىپىدىن نەتىجىسىز ھالدا يېپىۋېتىلگەن. قاتىل گۇماندارى سۈن ۋېي كېيىنكى يىللاردا ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ھەم يالغان توي قىلىش رەسمىيىتى بىلەن ئامېرىكىغا كۆچۈپ كەلگەن.

خىتايچە ب ب س نىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مۇراجەتنامە كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ ھىمايىسىگە ئېرىشكەچكە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇ مۇراجەتنامىگە جاۋاب قايتۇرۇشى ۋە مەزكۇر قاتىل گۇماندارى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت