خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىللىرى ئاممىۋى ئاخبارات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن رۇسىيەنى زىيارەت قىلدى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2015-06-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


گەرچە، نۆۋەتتە رۇسىيە ھۆكۈمىتىنى كومپارتىيە باشقۇرمىسىمۇ، ئەمماخىتاي كومپارتىيەسى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىلەرنىڭ بىۋاسىتە كۈچىيىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، كومپارتىيە پارتىيە سېكېرتارىياتىنىڭ سېكرېتارى ھەم كومپارتىيە مەركىزىي تەشۋىقات مىنىستىرى ليۇ چىباۋ 25 - 27 - ئىيۇن كۈنلىرى رۇسىيەدە زىيارەتتە بولدى.

خىتاي ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ليۇ چىباۋرۇسىيە - خىتاي ئاممىۋى ئاخبارات مۇنبىرىنىڭ يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، يىپەك يولى ئىقتىسادىي بەلۋېغى، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇچۇر - ئاخبارات ساھەسىدىكى ھەمكارلىق ۋە باشقىلارنى كۈچ ئېيىشنى تەكىتلىگەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيەنە، رۇسىيەنىڭ خىتايشۇناسلىق ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلىرى، مېدىئا ساھەسىدىكىلەربىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئۆتكۈزگەن.

خىتاي كومپارتىيە ۋەكىللىرى يەنە بىر قىسىم ئالى مەكتەپلەر ۋە ئورۇنلارنى زىيارەت قىلغان. ئەمما، خىتاي كومپارتىيە ۋەكىللىرىنىڭ رۇسىيە پارلامېنتىدىكى ئۆتكىچى پارتىيە ھېسابلىنىدىغان رۇسىيە كومپارتىيەسىتەرەپ بىلەن كۆرۈشكەن - ياكى كۆرۈشمىگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يوق.

شى جىنپىڭ يېقىندا موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەنسوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ۋەتەن ئۇرۇشى»غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىق مۇراسىمىغا قاتناشقان ئىدى.مەلۇم بولۇشىچە، پۇتىنمۇ 9 - ئايدا خىتاينىڭ ياپونغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ 70 يىللىق مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇھەمدە رۇسىيە قوراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر ئەترىتى بېيجىڭدىكى ھەربىي پاراتقا قاتنىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت