خىتاي رۇسىيەگە كېرەك ياردەملەرنى بېرىدۇ

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2014-12-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


رۇسىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئىمبارگوسىغا ئۇچرىغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ھەم رۇسىيە پۇل - مۇئامىلە ۋە ئىقتىسادىدا جىددىي قىيىنچىلىقلار كۆرۈلۈۋاتقان بۇ كۈنلەردە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئەگەر رۇسىيە لازىم كۆرسە، خىتاي ئۆزىنىڭ بار ئىمكانىيەتلىرى دائىرىسىدە رۇسىيەگە كېرەكلىك ياردەملەرنى بېرىدۇ، دەپ بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ۋاڭ يى بۇ سۆزىنى تايلاند زىيارىتى جەريانىدا شەنبە كۈنى ئېيتقان. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە خىتاي سودا مىنىستىرى گاۋ خۇچېڭمۇ بانكوكتا رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ، ئىككى دۆلەت سودىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە خىتاي خەلق پۇلىنى ئىككى دۆلەت سودا ھېساباتىدا تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش ئارقىلىق سودا ھېسابات بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىكى ئۆزگىرىشلىرىنىڭ بىر قانچە يىل ئىلگىرى كۆرۈلۈشكە باشلىسىمۇ، ئەمما غەربنىڭ ئىمبارگوسى بىلەن تېخىمۇ گەۋدىلىك بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودىدا رۇبلى ۋە خەلق پۇلى ئىشلىتىش پىكىرلىرى ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۆپ قېتىم تەكىتلەنگەن ئىدى. ئاخىرقى قېتىم بۇ يىل 10 - ئايدا جۇڭگو باش مىنىستىرى لى كېچاڭنىڭ موسكۋا زىيارىتىدىمۇ بۇ مەسىلە كۆتۈرۈلگەن. ئەمما يېقىنقى ئىككى ھەپتىدىن بۇيان رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ باھاسى چۈشۈپ ۋە مۇقىمسىز بولۇش ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ كەتكەن، شۇنىڭدەك شەنبە كۈنى رۇسىيەگە قارىتا يېڭى ئىقتىسادىي ئىمبارگو ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت