مۇتەخەسسىسلەر: «خىتاي بىلەن رۇسىيە ھەربىي قۇۋۋەت جەھەتتە غەرب دۇنياسىغا تەھدىت پەيدا قىلماقتا»

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018-02-17
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

«ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» نىڭ 15-فېۋرالدىكى سانىدا «مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ھەربىي قۇۋۋەت جەھەتتە غەربكە يېتىشىۋالغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى» ناملىق خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىندى.

ماقالىدە «خەلقئارا ئىستراتېگىيە تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى» نىڭ 2018-يىللىق دوكلاتىغا ئاساسەن، يېقىن كەلگۈسىدە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدا ئۇرۇش يۈز بېرىشىنىڭ بىر تەسەۋۋۇر ئەمەسلىكىنى، يەنى ۋاشىنگتون، موسكۋا ۋە بېيجىڭنىڭ سىستېمىلىق ھالدا يۈز بەرگۈسى توقۇنۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

دوكلاتتا يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان خىتاينىڭ ھەربىي ھازىرلىقلارغا غايەت زور سېلىنما سالغانلىقى، غەرب ئەللىرىنىڭ ھەربىي قورال ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق قولغا چۈشۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ھاۋا، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ماھارىتى بىلەن ھەربىي قورال-ياراغ تېخنىكىسىنى يېڭىلىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

ماقالىدا دېيىلىشىچە، خىتاي ئارمىيىسى 2020-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈشنى پىلانلاۋاتقان چېڭدۇ ج-20 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلاننىڭ ئىلغار تېخنىكىسى ئامېرىكىنىڭ شۇ تىپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىدىن قېلىشمايدىكەن. ئۇندىن باشقا خىتاينىڭ پ ل-15 تىپلىق ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغىمۇ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلار سەپلەنگەن ئىكەن.

رۇسىيەمۇ يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار ئۇرۇش قوراللىرىنى سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنادا سىناق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى ھەربىي ئۈستۈنلۈكىنى داۋاملاشتۇرۇش چۈشىنى كۆرمەكتىكەن.

ھالبۇكى، ئامېرىكا ۋە بەزى غەرب ئەللىرىدىكى ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر، گەرچە خىتاي بىلەن رۇسىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلىرىنى كېڭەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئۇرۇش قىلىش ماھارىتىنى ئامېرىكا ۋە ناتو بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا كۆپ ئارقىدا تۇرىدۇ، دەپ قارىماقتا. 

ئۇلار، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيىسىنى نۆۋەتتە ھىندى ئوكيانغىچە كېڭەيتىشى، جەنۇبىي دېڭىزغا «كارل ۋېنسون» ناملىق ئاۋىئاماتكىسىنى ئەۋەتىشى، ھىندىستان، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە قاتارلىق ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى خىتايغا بېرىلگەن بىر ئېنىق سىگنال. ئامېرىكا ئاللىقاچان خىتاينىڭ ھەربىي قارا نىيىتىنىڭ تېگىگە يېتىپ بولدى، دېگەنلەرنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت