يۈننەن ئۆلكىسىدە ساقچىلار بىر ئۇيغۇرنى ئېتىپ ئۆلتۈردى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-03-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كەييۈەن شەھىرىدىكى بىر ساقچى پونكىتىدا ۋەقە چىقىپ، بىر نەپەر ئۇيغۇر ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. يەرلىك قوراللىق قىسىمدىن تارقىتىلغان بىر ئۇقتۇرۇشتا ئېيتىلىشىچە، 4 نەپەر ئۇيغۇر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە يۈجيۇ ساقچى پونكىتىدا تەكشۈرۈلۈۋاتقاندا «جىھاد قىلماقچى بولغان». ساقچىلار بىر نەپەر ئۇيغۇرنى نەق مەيداندا ئېتىپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن، 3 نەپىرى قېچىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئىز-دېرىكى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئۇقتۇرۇشتىن قارىغاندا، ھازىر قوراللىق قىسىملار شەھەر ئەتراپىدىكى يوللاردا چازا قۇرۇپ بۇ قېچىپ كەتكەن 3 كىشىنى ئىزدەشكە باشلىغان.

يۈننەن ئۆلكىسى خىتايغا قوشنا ئەللەرگە قېچىپ چىقىۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرلار سىرتقا قاچىدىغان بىر ئېغىز بولۇپ قالغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر يۇقىرىدىكى بۇ 4 ئۇيغۇرنىڭمۇ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى چېگرا ئېغىزلىرى ئارقىلىق قوشنا ئەللەرگە قېچىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان مۇساپىر ئۇيغۇرلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى، ئۇلارنىڭ سەپەر ئۈستىدە ساقچىلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالغان بولۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت